Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 يىشاي داۋۇت پادىشاھنىڭ ئاتىسى، داۋۇت پادىشاھ ئۇرىيانىڭ ئايالىدىن تۇغۇلغان سۇلايماننىڭ ئاتىسى،

Gade chapit la Kopi




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:6
25 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارنىڭ بۇنداق قىلىشى داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغانلىقىدىن ئىدى. داۋۇت خىتلاردىن بولغان ئۇرىيانىڭ ئىشىدىن باشقا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرلىرىگە ھېچقاچان خىلاپلىق قىلىپ باقمىغانىدى.


داۋۇت يەھۇدا زېمىنىنىڭ بەيتلەھەم شەھىرىدىكى ئەفراتا جەمەتىدىن بولغان يىشاي دېگەن ئادەمنىڭ بالىسى بولۇپ، يىشاينىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. سائۇل ھۆكۈم سۈرگەن دەۋردە، يىشاي ياشىنىپ قالغان بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى.


يېرۇسالېمدا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسىملىرى: شاممۇۋا، شوباب، ناتان، سۇلايمان،


داۋۇتنىڭ يېرۇسالېمدا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى: شىمئا، شوباب، ناتان ۋە سۇلايمان. بۇ تۆت ئوغۇل ئاممىئېلنىڭ قىزى باتشەبادىن تۇغۇلغان.


يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنى خۇدا يۈكسەك قىلغاندۇر. ياقۇپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنى تاللاپ پادىشاھ قىلغاندۇر. ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ سۆيۈملۈك مۇناجاتچىسىدۇر. داۋۇتنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:


پەرۋەردىگار سامۇئىلغا مۇنداق دېدى: _ مەن سائۇلنىڭ ئىسرائىلىيەگە داۋاملىق پادىشاھ بولۇشىنى رەت قىلغان تۇرسام، سەن تېخىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرىۋاتامسەن؟ سەن مۈڭگۈزگە زەيتۇن يېغى تولدۇرۇپ، بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ ئۆيىگە بارغىن. مەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى پادىشاھلىققا تاللىماقچىمەن.


گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى.


خۇددى كۆتەكتىن ئۈنۈپ چىققان نوتىدەك، يىشاينىڭ يىلتىزىدىن بىر كۆچەت يېتىلىپ چىقىپ، مېۋە بېرىدۇ.


(شۇنىڭ بىلەن يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ دۇئالىرى تامام بولدى.)


پەرۋەردىگار ماڭا كۆپ ئوغۇل بەردى ھەمدە ئوغۇللىرىمنىڭ ئارىسىدىن سۇلايماننى ئىسرائىلىيەدە پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزدى.


خىتلاردىن بولغان ئۇرىيا، ئاخلاينىڭ ئوغلى زاباد،


ئالتىنچىسى ئوزېم، يەتتىنچىسى داۋۇت ئىدى.


ۋە خىتلاردىن بولغان ئۇرىيا. ئۇلار ھەممىسى بولۇپ 37 كىشى ئىدى.


داۋۇت ئۇ ئايالنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇ ئادەم قايتىپ كېلىپ: _ ئۇ ئەلىئامنىڭ قىزى، خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانىڭ خوتۇنى باتشەبا ئىكەن، _ دېدى.


سىلەر ماڭا قارشى تىل بىرىكتۈرۈۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىن ھېچكىم ماڭا ئوغلۇم يوناتاننىڭ يىشاينىڭ ئوغلى بىلەن ئەھدە قىلغانلىقىنى ئېيتمىدى، ھېچكىم ماڭا كۆڭۈل بۆلمىدى. ھېچقانداق ئادەم ماڭا ئۆز ئوغلۇمنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن داۋۇتنىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلىشنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتمىدى، _ دېدى.


_ ھەي يىگىت، سەن كىمنىڭ ئوغلى بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى سائۇل. _ مەن بەيتلەھەملىك خىزمەتكارلىرى يىشاينىڭ ئوغلى بولىمەن، _ دېدى داۋۇت.


ئوبېد يىشاينىڭ ئاتىسى، يىشاي داۋۇتنىڭ ئاتىسىدۇر.


سالمون راھابتىن تۇغۇلغان بوئازنىڭ ئاتىسى، بوئاز رۇتتىن تۇغۇلغان ئوبىدنىڭ ئاتىسى، ئوبىد يىشاينىڭ ئاتىسى،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite