Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 لېكىن، مەريەم بوشانغۇچە ئۇنىڭ بىلەن بىر ياستۇققا باش قويمىدى. بالا تۇغۇلغاندا، يۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويدى.

Gade chapit la Kopi




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:25
10 Referans Kwoze  

بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى، ئۇنىڭ خەتنىسى قىلىندى ۋە ئەيسا دەپ ئىسىم قويۇلدى. بۇ، پەرىشتە ئۇ تېخى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا پەيدا بولمىغان ۋاقىتتىلا قويغان ئىسىم ئىدى.


بىراق، سارايلاردا ئۇلارغا ئۆي چىقمىغاچقا، بىر ئاتخانىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. مەريەم شۇ يەردە تۇنجى ئوغلىنى تۇغۇپ، زاكىلاپ، ئاتنىڭ ئوقۇرىغا ياتقۇزدى.


ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇنىڭغا ئەيسا [مەنىسى «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] دەپ ئىسىم قويغىن، چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى.


باش ھوسۇلۇڭلاردىن ماڭا قىلىدىغان بۇغداي، شاراب، ياغ ھەدىيەلىرىڭلارنى ئايىماڭلار. تۇنجى ئوغلۇڭلارنى ماڭا ئاتاڭلار.


_ سىلەر تۇنجى ئوغلۇڭلارنى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مالنى ماڭا ئاتاڭلار. چۈنكى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللىرى ماڭا مەنسۇپتۇر، _ دېگەنىدى.


چۈنكى، خۇدا ئەلمىساقتىلا بۇ كىشىلەرنى بىلگەن. ئۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىغا ئوخشاش بولۇشىنى ئالدىن بەلگىلىگەن. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئەيسا مەسىھنى بۇ نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا تۇنجى ئوغلى قىلىش ئىدى.


يۈسۈپ ئويغىنىپ پەرىشتىنىڭ دېگىنىنى قىلىپ، مەريەمنى ئەمرىگە ئالدى.


ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، ئىسمىنى ئەيسا [مەنىسى: «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] قويغىن.


سائۇلنىڭ قىزى مىكال ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە پەرزەنت يۈزى كۆرمىدى.


ئۇ شۇنچىلىك گۈزەل قىز ئىدى، ئۇ پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بىراق پادىشاھ ئۇ قىز بىلەن بىللە بولمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite