23 «پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى ئىممانۇئېل [مەنىسى «خۇدا بىز بىلەن بىللە»] قويۇلىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر.
ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى سىلەرگە شۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: ياش قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ بالىغا «ئىممانۇئېل» دەپ ئىسىم قويىدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ
«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق.
بەرھەق، خۇدا قۇتقۇزغۇچىمدۇر! ئۇ مېنىڭ ئىشەنچىمدۇر، قورقمايمەن ھېچنېمىدىن. چۈنكى پەرۋەردىگار مېنىڭ مۇناجىتىم ۋە كۈچ-قۇدرىتىمدۇر، ئۇ مېنىڭ ھەم نىجاتكارىمدۇر.»
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.
ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.
رەببىمىز سىلەر بىلەن بىللە بولغاي. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولسۇن!
ئۇلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەيسا مەسىھمۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، بۇ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلدى. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدىغان، مەڭگۈ مەدھىيىلىنىدىغان خۇدادۇر، ئامىن!
دېمەك، خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېساب ئالماي، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى، شۇنداقلا ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇلۇش ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى بىزگە ئامانەت قىلدى.
بىر كېچە، پاۋلۇسقا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈندى. بۇ ئالامەتتە رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا: - قورقما، سۈكۈت قىلماي سۆزلە.
لېكىن، خۇدا مەن بىلەن بىللە بولۇپ، ماڭا خۇش خەۋەرنى تولۇق جاكارلاشقا مەدەت بەردى. نەتىجىدە، ئۇ يەردىكى ھەممە يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا مېنى بۇ قېتىمقى سوتتىن، يەنى يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى.
يۈسۈپ ئويغىنىپ پەرىشتىنىڭ دېگىنىنى قىلىپ، مەريەمنى ئەمرىگە ئالدى.
ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟
قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «خوجايىنىم» دېگەن يەردە مەسىھ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولمامدۇ؟!