كېيىن، خۇدا ئىبراھىمغا: «سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ بەلگىسى خەتنە قىلىش بولسۇن» دېدى. ئەجدادىمىز ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. ئۇ تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى، خەتنىسى قىلىندى. ئىسھاقتىن ئىسرائىللارنىڭ ئاتىسى بولغان ياقۇپ تۆرەلدى. ياقۇپتىن ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ بوۋىلىرى بولغان ئون ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلارنىڭمۇ خەتنىسى قىلىندى.