19 مەريەمنىڭ لايىقى يۈسۈپ دۇرۇس ئادەم بولغاچقا، مەريەمنى خالايىق ئالدىدا نومۇسقا قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن جىمجىتلا ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى.
شۇ چاغلاردا، يېرۇسالېمدا شىمون ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەن بولۇپ، خۇداغا ئىخلاسمەن، دۇرۇس بۇ ئادەم خۇدانىڭ ئىسرائىللارغا تەسەللى بېرىدىغان قۇتقۇزغۇچىنى ئەۋەتىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنىدى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭغا يار ئىدى.
چۈنكى، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇرۇس ۋە خۇداغا ئاتالغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ھىرود خان ئۇنىڭدىن قورقاتتى ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلاتتى. ھىرود يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالاتتى. بىراق، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يەنىلا قىزىقىپ ئاڭلايتتى.
ئەگەر بىرسى باشقا بىرىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، زىنا قىلغان ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن.
تەخمىنەن ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بىرەيلەن يەھۇداغا: _ كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ، _ دېدى. _ ئۇنى ئەكېلىپ ئوتتا كۆيدۈرۈڭلار! _ دېدى يەھۇدا.
- مۇسا پەيغەمبەر ئەرلەرنىڭ ئايالىنى بىر پارچە تالاق خېتى يېزىپلا تالاق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان، - دېيىشتى ئۇلار.
بىر كىشىگە نىكاھلىنىشقا پۈتۈشۈپ قويۇلغان دېدەك تېخى سېتىلمىغان ياكى ئازاد قىلىنمىغان ئەھۋالدا، باشقا بىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتسا، ئۇ دېدەكنىڭ ئىگىسىگە تۆلەم تۆلىسۇن. لېكىن ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنمىسۇن، چۈنكى دېدەك تېخى ئازاد ئەمەستۇر.
نۇھنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: نۇھنىڭ سام، ھام، يەفەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. نۇھ ئۆز زامانىدا بىردىنبىر دۇرۇس، قۇسۇرسىز ئادەم بولۇپ، خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ ياشىغانىدى.
- بىزنى رىملىق يۈزبېشى كورنىلىي ئەۋەتتى. ئۇ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان دۇرۇس ئادەم بولۇپ، پۈتۈن يەھۇدىي خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەردۇر. خۇدانىڭ بىر مۇقەددەس پەرىشتىسى ئۇنىڭغا، سىزنى ئۆيىگە چاقىرتىپ، تەلىمىڭىزنى ئاڭلاشنى بۇيرۇغان! - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
لېكىن ئۇ ئادەمنىڭ ئەيىبلەشلىرى راست بولۇپ، ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلىيالمىسا،
تاڭ ئاتقاندا، كېمىچىلەر قۇرۇقلۇقنى كۆردى. ئۇلار ئۇ يەرنىڭ نەلىكىنى ئېنىق بىلەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدىكى بىر قۇملۇق قولتۇقنى بايقاپ، كېمىنى بىر ئامال قىلىپ شۇ يەردە قۇرۇقلۇققا چىقارماقچى بولدى.
مەن بۇلارغا ئىشەنچ بىلەن قارىغاچقا، سىلەرگە قوش بەخت ئېلىپ كېلىشنى ئويلاپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بېرىشتا ئالدى بىلەن سىلەرگە يولۇقۇپ ئۆتۈشنى، قايتىشىمدا يەنە بىر يولۇقۇپ، سىلەرنىڭ مېنى يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە يولغا سېلىپ قويۇشۇڭلارنى نىيەت قىلغانىدىم.