Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مالاكى 4:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 مەن سىناي تېغىدا خىزمەتكارىم مۇسا ئارقىلىق بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرگەن تەۋراتتىكى ئەمر-پەرمانلىرىمنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكۈڭلار.

Gade chapit la Kopi




مالاكى 4:4
25 Referans Kwoze  

سىلەر سىناي تېغىدا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ كۈنى، پەرۋەردىگار ماڭا: «خەلقنى ھۇزۇرۇمغا يىغقىن، ئۇلار سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، مەندىن ئۆمۈر بويى ئەيمىنىشنى ئۆگەنسۇن، پەرزەنتلىرىگىمۇ ئۆگەتسۇن» دېدى.


ئۇنداقتا، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلامدۇق؟ ياق، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمىز.


پەرۋەردىگار ھەققانىي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ شەرەپلىك تەلىملىرىنى ئۇلۇغلىغانىدى.


ياق! خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار! ئەگەر ئۇلار بۇ تەلىملەر بويىچە سۆزلىمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ.


ھوشيار بولۇڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەر خىل نەرسىنىڭ سىياقىدا بۇت ياسىماڭلار.


پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىز بىلەن سىناي تېغىدا ئەھدە تۈزگەنىدى.


ئېھتىياتچان بولۇڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى ئۇنتۇپ قالماڭلار. مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمرلەر، قانۇن ۋە نىزاملارغا ئەمەل قىلماي قالماڭلار.


ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى ئۇنتۇپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىسەڭلار، ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلساڭلار، مەن بۈگۈن سىلەرنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمەنكى، سىلەر چوقۇم ھالاك بولىسىلەر!


پەرۋەردىگار خەلققە مۇنداق دېدى: «سىلەر تۆت كوچىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، شۇڭا يولۇڭلارنى كۆزىتىڭلار. كونا، ئىشەنچلىك يولنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى سوراڭلار. قايسى يولنىڭ بەخت-سائادەتكە باشلايدىغانلىقىنى سوراپ، شۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قەلبىڭلار ئارام تاپىدىغان جاينى تاپالايسىلەر. بىراق خەلقىم: ‹بىز پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭمايمىز!› دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite