3 مەن ھۆكۈمۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈندە، سىلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنى خۇددى ئايىغىڭلار ئاستىدىكى كۈلدەك دەسسەيسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
ھاكاۋۇرلارنى تېپىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ كەمتەر قىلغىن. رەزىللەرنى ئۆز يېرىدە دەسسەپ چەيلىگىن.
ئامانلىق بەرگۈچى خۇدا ئۇزۇن ئۆتمەي شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا ئېزىدۇ. رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھۆكۈمۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئاشۇ كۈندە، ئۇلار ماڭا مەنسۇپ بولۇپ، مېنىڭ قىممەتلىك خەلقىم بولىدۇ. خۇددى ئاتا ئۆزىنىڭ ۋاپادار بالىسىغا رەھىم قىلغاندەك، مەنمۇ ئۇلارغا رەھىم قىلىمەن.
ئۇلار جەڭ مەيدانىدىكى باتۇرلاردۇر. ئۇلار كوچىدىكى لاينى چەيلىگەندەك دۈشمەنلىرىنى چەيلەيدۇ. ئۇلار جەڭ قىلىدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئۇلارغا ياردۇرمەن. ئۇلار دۈشمەن چەۋەندازلىرىنى نومۇسقا قويىدۇ.
ئۇ چاغدا دۈشمەنلىرىمىز بۇنى كۆرىدۇ. بۇرۇن بىزنى مەسخىرە قىلىپ: «قېنى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا؟» دېگەنلەر شەرمەندە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جازالانغانلىقىغا شاھىت بولىمىز، ئۇلار ئەمدى خۇددى كوچىدىكى لايدەك دەسسىلىدۇ.
ياقۇپنىڭ ئامان قالغان ئەۋلادلىرى ئەللەر ئارىسىغا، يەنى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىغا، خۇددى ئورماندا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى شىردەك، قويلار ئارىسىغا ئېتىلىپ كىرگەن ياش شىردەك بۆسۈپ كىرىپ، ئولجىلىرىنى پارە-پارە قىلىپ تاشلايدۇ. ھېچكىم ئولجىلارنى قۇتقۇزالمايدۇ.
ئېزىلگەنلەر ئۇلارنى يانجىيدۇ، يوقسۇللارمۇ ئۇنى دەسسەپ ئۆتىدۇ.
شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شاراب كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەر دەسسىلىپ، شەربەتلىرى قان بولۇپ، ئاتنىڭ تىزگىنىگە كېلىدىغان ئېگىزلىكتە ئۈچ يۈز چاقىرىم يىراقلىققا ئاقتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى. ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق ئاۋازلار مۇنداق دەيتتى: «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىگە مەنسۇپ بولدى. ئۇ ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرگۈسى.»
يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ھوقۇقى، ھەيۋىسى ۋە سەلتەنىتى ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈلۈك بولىدۇ. ھەممە ھۆكۈمرانلار ئۇلۇغ خۇداغا خىزمەت قىلىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ.»
لېكىن ئاخىرىدا ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىگە بولىدۇ.»
سەن چەكسىز گۇناھلىرىڭ ۋە سودىدىكى ئادالەتسىزلىكىڭ بىلەن سەجدىگاھلىرىڭنى بۇلغىدىڭ، شۇڭا مەن ئىچىڭدىن سېنى كۆيدۈرۈپ يوق قىلىدىغان ئوت چىقاردىم ۋە ساڭا قاراپ تۇرغانلارنىڭ ئالدىدا سېنى كۆيدۈرۈپ، كۈلگە ئايلاندۇردۇم.
سىئون تېغى پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا بولىدۇ، ئۇ، موئابلارنى قىغ ئازگىلىدىكى ساماننى دەسسىگەندەك دەسسەيدۇ.
بېسىپ دەسسەيسەن يىلان ۋە شىرنى، چەيلەيسەن زەھەرلىك يىلان ۋە ئارسلاننى.
ئېزىۋەتتىم ئۇلارنى يەردىكى تۇپراقتەك، چەيلىۋەتتىم ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقتەك.
سېنى ئايال بىلەن دۈشمەن قىلىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن سېنىڭ ئەۋلادىڭ دۈشمەنلىشىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادى سېنىڭ بېشىڭنى يانجىيدۇ، سەن ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقىسەن» دېدى.
مەن ئۇلارنى يانجىۋەتتىم، تۇرالماس قايتا، يىقىلدى ئۇلار پۇتلىرىمنىڭ ئاستىغا.
پادىچى بولۇپ ئۆلۈم ئۇلارغا، ھەيدەر ئۇلارنى قوي كەبى ئۆلۈكلەر ماكانىغا. جەسەتلىرى چىرىپ كېتەر گۆر ئىچىدە، ھەشەمەتلىك ئۆيلىرىمۇ قالار يىراقتا. ھەققانىيلار غەلىبە كۈنى كەلگەندە ھۆكۈم سۈرەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە.
ئىگىمىز مەنسىتمىدى پۈتۈن باتۇرلىرىمنى، لەشكەر توپلاپ ھۇجۇم قىلدى ئۇ ماڭا، بىتچىت قىلماق بولۇپ يىگىتلىرىمنى. خۇددى ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە ئۈزۈم ئەزگەندەك دەسسەپ چەيلىدى يەھۇدىيە خەلقىنى.
پەرۋەردىگار يۆلەپ كۆتۈرەر ئاجىزلارنى، ئۇ يەرگە ئۇرار پاسىق-رەزىللەرنى.