Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مالاكى 3:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 سىلەر ئەجدادلىرىڭلار زامانىدىن تارتىپ مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمدىن چەتنەپ، ماڭا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ كەلدىڭلار. ئەمدى سىلەر مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قايتا يار بولاي. بىراق سىلەر: ‹بىز ئەزەلدىن سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭدىن چەتنەپ كەتمىگەن تۇرساق، قانداق قايتىمىز؟› دەپ سورايسىلەر.

Gade chapit la Kopi




مالاكى 3:7
38 Referans Kwoze  

شۇڭا سەن خەلققە مۇنداق دېگىن: «مەنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، سىلەر مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قايتاي.


لېكىن، ئىسرائىللار ھەققىدە خۇدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق مۇنداق دېدى: «مەن بويسۇنماس ۋە جاھىل بىر خەلققە كۈن بويى قوللىرىمنى ئۇزىتىپ تۇردۇم.»


چۈنكى ئۇلار خۇدادىن كەلگەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىش يولىنى بىلمەي، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىغا تىرىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خۇدادىن كەلگەن ئۇشبۇ يولنى قوبۇل قىلمايدۇ.


خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، گۇناھتىن قول ئۈزۈڭلار. ئەي ھەم خۇدانى، ھەم دۇنيانى دوست تۇتىمىز دېگۈچىلەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار.


مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا بۇ زېمىننى ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغانمەن. مەن ئۇلارنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا باشلاپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇ يەردە قورساقلىرىنى تويغۇزۇپ، راھەت ياشايدۇ. ئاندىن ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنىدۇ. مېنى تاشلاپ، مەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ.


ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! گۇناھىڭلار سىلەرنى يىقىتتى.


ئۇ چوشقىغا بېرىلىدىغان پۇرچاق پوستى بىلەن قورسىقىنى تويدۇرماقچى بوپتۇ، لېكىن ئۇنىمۇ ھېچكىم بەرمەپتۇ.


ئەي ساداقەتسىز ئىسرائىل خەلقىم، مېنىڭ يولۇمغا قايتىڭلار. مەن سىلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكىڭلارنى ساقايتىشنى خالايمەن. سىلەرنىڭ مۇنداق دېيىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن: ‹مانا، بىز يېنىڭغا كەلدۇق، چۈنكى سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدادۇرسەن.


ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ئاقارتىپ قويۇلغان، سىرتقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق، لېكىن ئىچى ئۆلۈك ئۇستىخان ۋە ھەر خىل چىرىغان نەرسىلەرگە تولغان قەبرىلەرگە ئوخشايسىلەر.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئوغۇل ئاتىسىنى، چاكار خوجايىنىنى ھۆرمەت قىلار. ئەگەر مەن بىر ئاتا بولسام، قېنى ماڭا بولغان ھۆرمەت؟ ئەگەر مەن بىر خوجايىن بولسام، قېنى ماڭا بولغان ئىتائەتمەنلىك؟ سىلەر روھانىيلار مېنىڭ نامىمنى دەپسەندە قىلدىڭلار، ئەمما سىلەر ‹قانداق دەپسەندە قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر.


مەن ئۇلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى باشلاپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار ھەربىر ئېگىزلىكنى، ھەربىر بۈك-باراقسان دەرەخنى كۆرگەن ھامان، ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، بۇتلارنى قويۇپ، خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەرنى كۆيدۈرۈپ، شاراب سۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدى.


لېكىن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. قانۇنلىرىمغا رىئايە قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمگە بويسۇنمىدى. (ئۇلارغا ئەمەل قىلغۇچى ھايات قالىدۇ.) مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى. شۇڭا مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقارماقچى بولدۇم.


لېكىن ئىسرائىل خەلقى چۆللۈكتە ماڭا ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلار قانۇنلىرىمغا ئەمەل قىلمىدى، بەلگىلىمىلىرىمنى رەت قىلدى، (ئۇلارغا ئەمەل قىلغۇچى ھايات قالىدۇ.) مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنىنىمۇ بۇلغىدى. شۇڭا مەن چۆللۈكتە ئۇلارغا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى يوقاتماقچى بولدۇم.


لېكىن ئۇلار ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ، سۆزۈمنى ئاڭلىمىدى. ھېچكىم ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىرىنى سېھىرلىگەن يىرگىنچلىك نەرسىلىرىنى ۋە مىسىرنىڭ بۇتلىرىنىمۇ يوقاتمىدى. ئەسلى مەن ئۇلارغا مىسىردا غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئاچچىقىمنى چىقىرىمەن، دەپ نىيەت قىلغانىدىم.


مەن ئاسىي خەلقىمنى كۈنبويى قۇچاق ئېچىپ كۈتىمەن، لېكىن ئۇلار يامان يولدا مېڭىۋېرىدۇ، ئۆز خىياللىرى بويىچە ئىش قىلىدۇ.


لېكىن خەلقىڭ ساڭا بويسۇنمىدى. سەندىن يۈز ئۆرۈدى ۋە قانۇنۇڭنى تاشلاپ قويدى. ئۇلار سېنىڭ يولۇڭغا قايتىشقا دەۋەت قىلغان پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ساڭا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈردى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ماڭا قارشى گەپ قىلدىڭلار. ئەمما سىلەر مەندىن: ‹بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ بىز ساڭا قانداق قارشى گەپ قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر.


لېكىن ھېچقايسىڭلار سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدىڭلار، ھەتتا ئېتىبارمۇ قىلمىدىڭلار. سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ جاھىل ۋە ئاسىي بولدۇڭلار.»


تەۋرات قانۇنىنىڭ مەندىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىغان ۋاقتىمدا، ئۆزۈمدىن رازى بولۇپ، ئۆزۈمنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلاتتىم. لېكىن، تەۋرات قانۇنىنى ھەقىقىي چۈشىنىشىم بىلەنلا، ئۆزۈمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىمنى ۋە روھىي جەھەتتە ئۆلگەنلىكىمنى ئېنىق بىلدىم. تەۋرات قانۇنى ئىنسانلارنى ھاياتلىققا يېتەكلەش ئۈچۈن بېرىلگەن. ۋەھالەنكى، بۇ قانۇنغا بويسۇنالمايدىغانلىقىمدىن ئۇنىڭ ماڭا ئۆلۈمنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايقىدىم.


ئەجدادلىرىڭلار مىسىردىن ئايرىلغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، سىلەرگە خىزمەتكارىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتتىم.


سەن ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مېنى تاشلىۋېتىپ، باشقا ئىلاھلارنى ئىزدىگەن، ئۇلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلغان، مېنى رەت قىلىپ، قانۇنلىرىمغا بويسۇنمىغانىدى.


سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار ھەتتا ئەجدادلىرىڭلارنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى! سىلەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالماي، جاھىللارچە ئۆزۈڭلارنىڭ يامان نىيەتلىرىگە ئەگىشىپ ماڭدىڭلار.


ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن سېنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئارىسىغا، يەنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ، ئۆزلىرىمۇ ھازىرغىچە داۋاملىق ماڭا قارشىلىق قىلىپ كەلمەكتە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite