مالاكى 3:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە يات ئەللەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن». Gade chapit la |
ئۇلار مېنىڭ خەلقىم ئارىسىدا نومۇسسىز ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. ئۇلار قوشنىلىرىنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىناخورلۇق قىلدى ۋە نامىمنى ئاتاپ يالغان سۆزلىدى، يەنى مەن بۇيرۇمىغان سۆزلەرنى سۆزلىدى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلىمەن ۋە نېمە قىلغانلىقىغا گۇۋاھمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئوغۇل ئاتىسىنى، چاكار خوجايىنىنى ھۆرمەت قىلار. ئەگەر مەن بىر ئاتا بولسام، قېنى ماڭا بولغان ھۆرمەت؟ ئەگەر مەن بىر خوجايىن بولسام، قېنى ماڭا بولغان ئىتائەتمەنلىك؟ سىلەر روھانىيلار مېنىڭ نامىمنى دەپسەندە قىلدىڭلار، ئەمما سىلەر ‹قانداق دەپسەندە قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر.