2 ئەمما ئۇ كەلگەندە، كىممۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ ئۇ زاھىر بولغاندا، كىممۇ ئۇنىڭ ئالدىدا دەس تۇرالايدۇ؟ چۈنكى ئۇ كۈمۈش تاۋلايدىغان ئوتقا، كىرلەرنى يۇيۇپ ئاقارتىدىغان كۈچلۈك سوپۇنغا ئوخشايدۇ.
مەن ئۇلارنى ئوتتا سىنايمەن. ئۇلارنى تاۋلانغان كۈمۈشتەك پاك قىلىمەن. ئۇلارنى ئالتۇننى تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن. ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىدۇ. مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن. مەن: ‹بۇلار مېنىڭ خەلقىمدۇر› دەيمەن، ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر› دېيىشىدۇ.»
ئىگىمىز سوراق ۋە جازالاش ئارقىلىق سىئون ئاياللىرىنىڭ مەينەتچىلىكىنى يۇيىدۇ، يېرۇسالېمنىڭ قان داغلىرىنىمۇ تازىلايدۇ.
چۈنكى، ئۇلارنىڭ غەزىپى تۇتقان دەھشەتلىك كۈن كەلدى. ئۇنىڭغا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟»
ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىدىغان بۇ ئالامەتلەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتەلىشىڭلار ۋە قىيامەت كۈنى ئىنسانئوغلى ئالدىدا قورقماي تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن ھەر دائىم دۇئا قىلىڭلار، - دېدى.
ئېلان قىلاي پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانىنى، دېدى ئۇ ماڭا: «سەن مېنىڭ ئوغلۇمسەن، جاكارلىدىم بۈگۈن سېنىڭ ئاتاڭ ئىكەنلىكىمنى.
ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش ھەممە ئىنساننى ئايرىپ چىقىدۇ، - دېدى.
پالتا دەرەخنىڭ يىلتىزىغا يېقىنلاشقاندەك، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا. ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ، - دېدى.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان تونۇردەك بولىدۇ. ئۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبا قالمايدۇ.
ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەجەللىك كېسەل بىلەن ھالاك قىلىمەن. ئۇ چاغدا، پۈتكۈل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكرى ۋە قەلبىنى ياخشى بىلگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن ھەمدە ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىمەن.
سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقان خۇدادىن يۈز ئۆرۈمەسلىككە دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى، بۇ ئالەمدە ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرغۇچى مۇسا پەيغەمبەرنى رەت قىلغان ئىسرائىللار بۇنداق قىلىشنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتىكى بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلساق، ئۇ جازادىن بىز قانداقمۇ قۇتۇلالايمىز!؟
سىلەر ئۇنى تونۇپ يېتەلمىدىڭلار، لېكىن مەن ئۇنى تونۇيمەن. ئۇنى تونۇمايمەن دېسەم، سىلەردەك يالغانچى بولىمەن، بىراق مەن ئۇنى تونۇيمەن ۋە ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئىش كۆرىمەن.
شىمون ئۇلارغا بەخت تىلەپ، مەريەمگە مۇنداق دېدى: - مانا! بۇ بالا خۇدا تەرىپىدىن ئىسرائىلىيىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھالاك بولۇشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن تەيىنلەندى. گەرچە ئۇ خۇدانىڭ بېشارىتى بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ھاقارەتلەپ رەت قىلىدۇ.
سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ھەتتا سىلەر ئۆزۈڭلارنى شاخار ۋە ئەڭ كۈچلۈك سوپۇنلار بىلەن يۇساڭلارمۇ پاكىزلانمايسىلەر، مەن يەنىلا رەزىللىكىڭلارنىڭ داغلىرىنى كۆرۈۋالالايمەن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كېلىڭلار، بىرلىكتە باش قوشۇپ، بۇنى ھەل قىلايلى. گەرچە گۇناھلىرىڭلار قىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئۇلار قاردەك ئاق بولىدۇ. ئۇلار ھەتتا قىپقىزىل داغدەك بولسىمۇ، ئاقارتىلغان قوي يۇڭىدەك ئاپئاق بولىدۇ.
لېكىن، ئۇلار ياغ سېتىۋالغىلى كېتىۋاتقاندا، يىگىت كېلىپ قاپتۇ، تەييارلىقى بار قىزلار ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە توي زىياپىتىگە كىرىپتۇ. ئىشىك تاقىلىپتۇ.
كىيىملىرى كۆزنى شۇنچىلىك قاماشتۇرغۇدەك ئاپئاق بولۇپ كەتتىكى، دۇنيادىكى ھەرقانداق ئاقارتقۇچمۇ كىرنى ئۇنچىلىك ئاقارتالمايتتى.
ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنى جازالىغان كۈنۈم سەندە يەنە ماڭا قارشى چىققۇدەك جاسارەت ۋە كۈچ قالارمۇ؟ مەن پەرۋەردىگار دېگىنىمنى قىلىمەن.
ئۇنىڭغا كىيىش ئۈچۈن پاكىز ۋە يالتىراپ تۇرىدىغان ئېسىل كەندىر تون بېرىلدى» دەپ ۋارقىراشتى. (ئېسىل كەندىر خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ خەيرلىك ئىشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.)
- تەقسىر، مەن بىلمەيمەن، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، - دېدىم. ئۇ ماڭا: - بۇلار دەھشەتلىك بالايىئاپەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەردۇر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ، ئاپئاق قىلغان.
يەھياغا يەنە: «مەندىن گۇمانلانماي، ماڭا تەۋرەنمەي ئىشەنگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك!» دەپ قويۇڭلار، - دېدى.
بەيت-شەمەشلىكلەر: «پەرۋەردىگار، يەنى بۇ مۇقەددەس خۇدانىڭ ئالدىدا كىممۇ ئۆلمەي، تىك تۇرالار؟ ئەھدە ساندۇقى ئەمدى بۇ يەردىن قەيەرگە ئاپىرىلىشى كېرەك؟» دەپ نالە-پەرياد قىلىشتى.
قورقۇشقا تېگىشلىكتۇر پەقەت سەندىنلا، ئى خۇدا، كىممۇ ئۆزىنى تىك تۇتالار غەزىپىڭنىڭ ئالدىدا؟
ئەگەر خۇدا پۈتۈپ قويساڭ پۈتۈكۈڭگە بىزنىڭ قىلغان گۇناھ ۋە قىلمىشىمىزنى، قۇتقۇزالار جازايىڭدىن كىم ئۆزىنى؟
ئاۋۋال كۈمۈشنى تاۋلاپ، چىقىندىسىنى ئايرىپ تاشلا، ئاندىن زەرگەر قۇيۇپ چىقىدۇ نەپىس بىر قاچا.
سىئون تېغىدىكى گۇناھكارلارنى قورقۇنچ باسىدۇ. ئىمانسىزلارنى تىترەك باسىدۇ. ئۇلار سورىشىدۇ: «بىزنىڭ ئارىمىزدىن كىملەر پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق ھۇزۇرىدا تۇرالايدۇ؟ ئارىمىزدىن كىملەر مەڭگۈلۈك ئوت ئىچىدە ياشىيالايدۇ؟»
بەزى دانا يولباشچىلار ئازاب چېكىدۇ، لېكىن ئۇلار چەككەن ئازابلىرى ئارقىلىق تاۋلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە قۇسۇرسىز بولىدۇ. بۇ ئىش تاكى خۇدا بەلگىلىگەن كۈن كەلگۈچە داۋاملىشىدۇ.
پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ بۇ خاس «قوشۇن»ىغا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ، ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ سانى يوقتۇر. ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغانلار كۈچلۈكتۇر. پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى شۇنچىلىك قورقۇنچلۇقتۇر، ئۇنىڭغا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟
خۇدانىڭ غەزىپى تاشسا، كىممۇ چىدىيالىسۇن؟ كىممۇ ئۇنىڭ غەزەپ ئوتىغا بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ ئۇنىڭ غەزىپى خۇددى ئوتتەك ياغىدۇ. قورام تاشلار ئۇنىڭ ئالدىدا پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ.
ئۇ سودوم، گومورا ۋە پۈتۈن تۈزلەڭلىككە قارىۋىدى، ئۇ يەرلەردىن تۈتۈن كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ مەنزىرە خۇمداندىن چىقىۋاتقان ئىس-تۈتەككە ئوخشايتتى.
كۈمۈش قازىدىغان كانلار بار، ئالتۇن تاۋلايدىغان جايلار بار.