مالاكى 3:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى18 شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ ھەققانىي ئادەم بىلەن رەزىل ئادەمنى، ماڭا خىزمەت قىلغان ئادەم بىلەن قىلمىغان ئادەمنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىسىلەر.» Gade chapit la |
ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشنى خالىمىساڭلار، بۈگۈن قارارىڭلارنى بېرىڭلار. ئەجدادلىرىڭلار ئىلگىرى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە چوقۇنغان ئىلاھلارغا ياكى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئامورلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟ مەن ئائىلەم بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىمىز!
ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىدوملۇقلار بەلكىم: «بىزنىڭ يۇرتىمىز ۋەيران قىلىنسىمۇ، ئەمما بىز بۇ خارابىلىكنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقالايمىز» دېيىشى مۇمكىن. بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بەلكىم ئۇلار يەنە قايتىدىن قۇرۇپ چىقار، ئەمما مەن يەنە ۋەيران قىلىمەن. ئۇلارنىڭ زېمىنى ‹رەزىللىككە تولغان زېمىن›، خەلقى ‹پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك غەزىپىگە ئۇچرىغان خەلق› دەپ نام ئالىدۇ.
لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم ئەمەلگە ئېشىپ، ئەجدادلىرىڭلارنىڭ بېشىغا كەلمىدىمۇ؟! نەتىجىدە، ئۇلار توۋا قىلىشىپ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭغان يوللىرىمىزغا ۋە قىلغان قىلمىشلىرىمىزغا تېگىشلىك جازايىمىزنى بېرىپ، ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى› دەپ ئېتىراپ قىلىشتى.»