مالاكى 2:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 بىراق ھازىر سىلەر روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتتىڭلار. سىلەرنىڭ تەلىملىرىڭلار نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇناھ يولىغا باشلىدى. سىلەر مېنىڭ لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزدۇڭلار. Gade chapit la |
شۇڭا پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەنمۇ ئەجدادلىرىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ مەڭگۈ روھانىي بولۇپ، خىزمىتىمدە بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدىم. بىراق مەن پەرۋەردىگار ھازىر شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەمدى بۇنداق بولمايدۇ. مېنى ھۆرمەتلىگەنلەرنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن، مېنى كەمسىتكەنلەرنى خورلۇققا قالدۇرىمەن.
سەندىكى روھانىيلار قانۇنۇمنى بۇزۇپ، مۇقەددەس نەرسىلىرىمنى بۇلغىدى. ئۇلار نېمىنىڭ مۇقەددەس، نېمىنىڭ مۇقەددەس ئەمەسلىكىنى ئايرىمىدى، نېمىنىڭ پاك، نېمىنىڭ ناپاك ئىكەنلىكى ھەققىدە كىشىلەرگە تەلىم بەرمىدى. ئۇلار مەن بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنلىرىگە ئەمەل قىلماي، نامىمنى خەلق ئارىسىدا ھۆرمەتسىزلىككە دۇچار قىلدى.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئوغۇل ئاتىسىنى، چاكار خوجايىنىنى ھۆرمەت قىلار. ئەگەر مەن بىر ئاتا بولسام، قېنى ماڭا بولغان ھۆرمەت؟ ئەگەر مەن بىر خوجايىن بولسام، قېنى ماڭا بولغان ئىتائەتمەنلىك؟ سىلەر روھانىيلار مېنىڭ نامىمنى دەپسەندە قىلدىڭلار، ئەمما سىلەر ‹قانداق دەپسەندە قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر.