Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مالاكى 2:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ مەقسىتى ھاياتلىق ۋە ئامانلىق ئاتا قىلىش بولۇپ، دەرۋەقە مەن بۇلارنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىم. بۇ ئەھدە ئۇلارنىڭ مېنى ھۆرمەتلىشى تەلەپ قىلىنغانىدى. ھەقىقەتەن ئۇلار ماڭا ئىخلاسمەن بولدى ۋە مېنى ھۆرمەتلىدى.

Gade chapit la Kopi




مالاكى 2:5
14 Referans Kwoze  

مەن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئەھدىسى تۈزۈپ، ئۇلارنى روناق تاپقۇزىمەن ۋە سانىنى كۆپەيتىمەن. مېنىڭ ئىبادەتخانام مەڭگۈ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.


مەن ئۇلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىسى تۈزۈپ، بۇ زېمىندىن يىرتقۇچ ھايۋانلارنى يوقىتىمەن. شۇندىلا ئۇلار دالالاردا بىخەتەر ياشايدۇ، ئورمانلاردا تىنچ-ئامان ئۇخلايدۇ.


لاۋىيلار پاكلىنىپ، ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە ماڭا بېغىشلانغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلسا بولىدۇ.


_ ئەمدى سەن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا لاۋىيلارنى ماڭا تەئەللۇق قىلغىن ۋە لاۋىيلارنىڭ چارۋا ماللىرىنىمۇ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان چارۋا ماللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن!


بۇنى كۆرگەن روھانىي ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس جامائەتتىن ئايرىلىپ، قولىغا نەيزىسىنى ئالدى-دە،


چېدىرغا كىرىپ، ھېلىقى ئەر بىلەن مىديان ئايالنىڭ قورسىقىغا نەيزە تىقىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن گۇناھ سەۋەبىدىن ئىسرائىللار ئارىسىغا تارقالغان ۋابا كېسىلى توختىدى.


ئى خۇدا، ئاڭلاپ سەن قەسەملىرىمنى، بەردىڭ ماڭا، ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا ئاتىغان بەختنى.


پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنەر توغرا يولدا ماڭغۇچى، كۆزگە ئىلماس ئۇنى ئەگرى يولدا يۈرگۈچى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite