Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مالاكى 2:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 شۇندىلا سىلەر مېنىڭ لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا قىلغان ئەمرىمنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ قالىسىلەر. بۇ مېنىڭ، يەنى مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىمدۇر!

Gade chapit la Kopi




مالاكى 2:4
21 Referans Kwoze  

_ لاۋىيلار ئەمدى ماڭا تەئەللۇق بولىدۇ. مەن مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆلتۈرگەندە، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆزۈمگە ئاتىغانىدىم. ئەمدى مەن ئىسرائىل خەلقىدىن لاۋىيلارنى تاللاپ، ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ئورنىدا ئۆزۈمگە تەئەللۇق قىلىمەن. لاۋىيلار ماڭا تەئەللۇقتۇر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن!


مەن ئۇلۇغلۇقۇمنى ۋە مۇقەددەسلىكىمنى نامايان قىلىمەن، ھەرقايسى ئەللەرگە ئۆزۈمنى تونۇتىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»


باغۋەن مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ. مېۋە بەرگەنلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرسۇن دەپ، پۇتاپ تۇرىدۇ.


ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ھەممە ئىنساننى ئايرىيدۇ، - دېدى.


ئەگەر بىر پەيغەمبەر تىنچلىق توغرىسىدا ۋەھىي يەتكۈزسە، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلىنىشى كېرەك. شۇندىلا بىز ئۇنىڭ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئەۋەتكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.


«خۇدادىن كېلىدىغان جازاغا ئۆزلىرىڭلارنىڭ جاۋابكار بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىز شەھىرىڭلارنىڭ ئايىغىمىزغا قونغان توپىسىنىمۇ قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىمىز!» دەپ ئاگاھلاندۇرۇڭلار ۋە ئۇلارغا: «بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە راستتىنلا نامايان بولغانىدى!» دەڭلار.


لېكىن مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، سەن جازالاش ئۈچۈن قولۇڭنى كۆتۈردۈڭ، لېكىن رەزىللەر بۇنى كۆرمىدى. ئۇلار سېنىڭ ئۆز خەلقىڭنى جان دىل بىلەن قوغدايدىغانلىقىڭنى كۆرسۇن ۋە خىجىل بولسۇن. سېنىڭ غەزىپىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئوتقا ئوخشاش يالماپ كەتسۇن.


«ئى خۇدايىم، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن. چۈنكى ئۇلار روھانىيلىق نامىنى بۇلغىدى ۋە سېنىڭ روھانىيلار ھەم لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەڭگە خىلاپلىق قىلدى.»


مىكايا: _ بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سەن بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرىكى خانىسىغا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولىسەن، شۇ چاغدا بۇنى بىلىسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.


مەن ساڭا ئېيتقان ھەممە ئىشلار جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشقاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر پەيغەمبەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلىشىدۇ.


_ ئەمدى سەن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا لاۋىيلارنى ماڭا تەئەللۇق قىلغىن ۋە لاۋىيلارنىڭ چارۋا ماللىرىنىمۇ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان چارۋا ماللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن!


پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى:


ئىسرائىللار تەقدىم قىلغان بارلىق ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەلەرنى سىلەر لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىسى بولسۇن دەپ، ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى خىزمىتىڭلارنىڭ ھەققى قىلىپ بەردىم.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ماڭا يول ھازىرلايدۇ. ئۇ توساتتىن ئۆز ئىبادەتخانىسىغا كېلىدۇ. ئۇ سىلەر تەلمۈرۈۋاتقان ئىگەڭلار شۇدۇر. سىلەر تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان ئەھدە خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى ئەلچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ چوقۇم كېلىدۇ!


سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ ئەھدە چېدىرىنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولغىنىڭلاردا، لاۋىي قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلىرىڭلارنى بىرگە ئېلىۋېلىپ، ئۆزۈڭلارغا ياردەملەشتۈرۈڭلار.


ئۇنىڭغا ئېيتقىن، مەن ئۇنىڭ بىلەن «ئامانلىق ئەھدىسى» تۈزىمەن،


سىلەر تائام ھەدىيەلىرى، قۇربانلىقلارنىڭ مايلىرى ۋە قانلىرىنى سۇنغان ۋاقتىڭلاردا، خەتنە قىلىنمىغان تەكەببۇر يات خەلقلەرنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامغا كىرىشىگە يول قويۇپ، ئىبادەتخانامنى بۇلغىدىڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە خىلاپلىق قىلدىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite