Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مالاكى 2:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 پەرۋەردىگار سىلەرنى ئايالىڭلار بىلەن بىر تەن، بىر جان قىلمىغانمىدى؟! تېنىڭلار ۋە روھىڭلار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئەمەسمۇ؟! پەرۋەردىگار سىلەردىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ ئۇ سىلەرنىڭ بىر تەن، بىر جان بولۇشۇڭلار ئارقىلىق خۇدا يولىدا ماڭىدىغان پەرزەنتلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۈتىدۇ. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، قەدىناس ئايالىڭلارغا سادىق بولۇڭلار.

Gade chapit la Kopi




مالاكى 2:15
39 Referans Kwoze  

سىلەر يەنە: «پەرۋەردىگار نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ھەدىيەلىرىمىزنى قوبۇل قىلمايدىغاندۇ؟» دەپ سورايسىلەر. پەرۋەردىگار ياش چېغىڭلاردا ئايالىڭلارغا قىلغان قەسىمىڭلارغا گۇۋاھتۇر. چۈنكى سىلەرنىڭ نىكاھلىنىپ ئالغان ھەمراھىڭلار سىلەرگە سادىق بولغان بولسىمۇ، ئەمما سىلەر ئۇلارغا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار.


˜سىلەرگە ئاتا بولىمەن. سىلەرمۇ مېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىم بولىسىلەر.Œ دەيدۇ.»


چۈنكى، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان ھەمراھى ئۇنىڭ ئېتىقادچى ئېرى ياكى ئايالى ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ نىكاھى خۇدانىڭ نەزىرىدە يەنىلا پاك بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ناپاك بولاتتى، ئەمەلىيەتتە پاكتۇر.


شۇنىڭ بىلەن خۇدا ئىنساننى ئۆز شەكلىدە، يەنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ ياراتتى، شۇنداقلا ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى.


يېتەكچىلىككە تەيىنلىنىدىغان كىشى ئەيىبسىز، ئايالىغا سادىق بولغان، پەرزەنتلىرى بولسا خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان، كەيپ-ساپادىن نېرى بولغان ھەمدە ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنىدىغان كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك.


لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىدۇكى، ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز كۆپىيىدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا قەيەردە: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس» دېگەن بولسام، يەنە شۇ يەردە ئۇلارغا: «سىلەر مەنكى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر» دەيمەن.


تېنىمدا جېنىم ۋە خۇدا ئاتا قىلغان تىنىقىم بولسىلا،


ئەي ئاتىلار، پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلماڭلار. ئۇلارنى رەببىمىزنىڭ تەلىمى بويىچە تەربىيىلەڭلار.


چۈنكى، يامان نىيەت، قاتىللىق، زىناخورلۇق، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، يالغان گۇۋاھلىق ۋە تۆھمەتخورلۇق قاتارلىق گۇناھلارنىڭ ھەممىسى قەلبتىن چىقىدۇ.


مەن سىلەرنى ئەلا كۆچەتتەك تىككەنىدىم، سىلەر ئەڭ ياخشى ئۇرۇقتىن ئۆسكەنىدىڭلار. نېمە ئۈچۈن سىلەر ھېچنېمىگە يارىمايدىغان ياۋا ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىپ قالدىڭلار؟


بۇنداق خوتۇن يولىغا مايىل بولمىسۇن كۆڭلۈڭلار، ئۇنىڭ يولىغا كىرىپ ئادىشىپ كەتمەڭلار.


بېرىلىپ كەتمە ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە، ئەسىر بولۇپ كەتمە قاش-كۆز ئوينىتىشىغا.


چۈنكى ئۇلارنىڭ قىزلىرى ئوغۇللىرىڭلارنى پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندۇرسا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۇتۇپ، سىلەرنى تېزلا ھالاك قىلىدۇ.


«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» شۇ قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى خالىغان قىزلارنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا باشلىدى.


مېنىڭ جاۋابىم شۇكى، ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەربىر جۈپ ئەر-ئايال ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن بىر ئورۇندا ياتسۇن.


سىلەر بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋلادلىرىسىلەر ۋە خۇدا ئەجدادىڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ مىراسخورلىرىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: «سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن» دەپ ۋەدە بېرىپ ئەھدە قىلغان.


بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارغا بىر پۈۋلەپ: - خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا مۇيەسسەر بولۇڭلار.


ئۇ چاغدا تەن تۇپراققا، روھ ھاياتلىق بەرگەن خۇداغا قايتىدۇ.


پاك تۇت بار كۈچۈڭ بىلەن قەلبىڭنى، ئۇ ھايات بۇلىقىدۇر چۈنكى.


تېخىمۇ يامان بولغىنى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ يېرىمىنىڭ دېگۈدەك ئۆزىنىڭ يەھۇدىي تىلىنى بىلمەي، پەقەت ئاشدودلۇق ياكى باشقا خەلقلەرنىڭ تىلىدىلا سۆزلىشى ئىدى.


مېنىڭ ئازابلىنىپ ئولتۇرۇپ قېلىشىم تاكى كەچلىك قۇربانلىقنى سۇنغۇچە داۋاملاشتى. ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ سۆزىدە چىڭ تۇرىدىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكىنى ئاڭلاپ، تىترىگەن ھالدا ئەتراپىمغا ئولىشىۋالدى.


رىبەقا ئىسھاققا: _ مەن ئەساۋنىڭ خىتلاردىن ئالغان ئاشۇ ئىككى ئايالىدىن تويۇپ كەتتىم. ئەگەر ياقۇپمۇ خىتلاردىن قىز ئالسا، ئۇنداقتا مېنىڭ ئۆلگىنىم ياخشى، _ دېدى.


ئەگەر ئۇ قىز قوشۇلسا ۋە تۆگىلىرىمگىمۇ قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ بەرسە، ئۇ قىز پەرۋەردىگارنىڭ خوجايىنىمنىڭ ئوغلىغا تاللاپ قويغان قىز بولسۇن» دېدىم.


پەرۋەردىگار خۇدا تۇپراقتىن ئادەمنى ياراتتى ۋە ئۇنىڭ بۇرنىدىن ھاياتلىق نەپىسىنى پۈۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ھاياتلىققا ئېرىشتى.


ئەگەر بىرسى باشقا بىرىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، زىنا قىلغان ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن.


پەرۋەردىگار بۇ ياش ئايالدىن ساڭا نۇرغۇن ئەۋلاد ئاتا قىلغاي، ئۇرۇق-جەمەتىڭنى تامارنىڭ يەھۇداغا تۇغۇپ بەرگەن ئوغلى پەرەسنىڭ جەمەتىگە ئوخشاش ئاۋات قىلغاي، _ دەپ دۇئا قىلىشتى.


روھانىي ئەلى ئەلقانا ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا بەخت تىلەيتتى ۋە ئەلقاناغا: _ پەرۋەردىگاردىن تىلەپ ئالغان ھەم ئۇنىڭغا بېغىشلىغان ئوغلۇڭنىڭ ئورنىغا پەرۋەردىگار بۇ ئايالىڭدىن يەنە ساڭا پەرزەنتلەر ئاتا قىلغاي، _ دەپ دۇئا قىلاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆيىگە قايتاتتى.


بۇنداق خوتۇن تاشلار ياشلىقىدا تەگكەن جورىسىنى، ئۇنتۇپ قالار ئۇ خۇدا ئالدىدا قىلغان ئەھدىسىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite