Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مالاكى 2:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 سىلەر يەنە: «پەرۋەردىگار نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ھەدىيەلىرىمىزنى قوبۇل قىلمايدىغاندۇ؟» دەپ سورايسىلەر. پەرۋەردىگار ياش چېغىڭلاردا ئايالىڭلارغا قىلغان قەسىمىڭلارغا گۇۋاھتۇر. چۈنكى سىلەرنىڭ نىكاھلىنىپ ئالغان ھەمراھىڭلار سىلەرگە سادىق بولغان بولسىمۇ، ئەمما سىلەر ئۇلارغا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار.

Gade chapit la Kopi




مالاكى 2:14
22 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار سىلەرنى ئايالىڭلار بىلەن بىر تەن، بىر جان قىلمىغانمىدى؟! تېنىڭلار ۋە روھىڭلار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئەمەسمۇ؟! پەرۋەردىگار سىلەردىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ ئۇ سىلەرنىڭ بىر تەن، بىر جان بولۇشۇڭلار ئارقىلىق خۇدا يولىدا ماڭىدىغان پەرزەنتلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۈتىدۇ. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، قەدىناس ئايالىڭلارغا سادىق بولۇڭلار.


سەن خۇددى ئېرى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىپ ئازابلانغان ئايالغا ئوخشايسەن، سەن خۇددى ياش ۋاقتىڭدىلا تاشلىۋېتىلگەن ئايالغا ئوخشايسەن، مەن پەرۋەردىگارىڭ سېنى چاقىرتىپ كېلىمەن. مانا بۇ مەن خۇدايىڭنىڭ سۆزلىرىدۇر.


سەن بۇ بىھۇدە ھاياتىڭنى، يەنى خۇدا ساڭا ئاتا قىلغان قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادىكى كۈنلىرىڭنى ئۆزۈڭنىڭ ياخشى كۆرگەن ئايالىڭ بىلەن بىرگە خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزگىن. چۈنكى بۇ سېنىڭ بۇ دۇنيادا جاپالىق ئىشلىگىنىڭنىڭ بەدىلىگە بېرىلگەن نېسىۋىدۇر.


لابان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: _ ئەگەر سەن قىزلىرىمغا يامان مۇئامىلە قىلساڭ ياكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئالساڭ، باشقىلار بىلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا بىزنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ.


شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە يات ئەللەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن».


ئۇلار يەرەمىياغا جاۋاب بېرىپ: _ ئەگەر بىز پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىزگە ئېيتقىنى بويىچە ئىش قىلمىساق، پەرۋەردىگار بىزگە ھەققانىي ۋە ئىشەنچلىك گۇۋاھچى بولسۇن ۋە بىزنى جازالىسۇن.


ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرى ئۈچۈن خىجىل بولدىمۇ؟ ياق! ئۇلار پەقەتلا خىجىل بولمىدى. ئۇلار ھەتتا ئۇيىلىپ، قىزىرىشنىمۇ بىلمەيدۇ! شۇڭا ئۇلار خۇددى باشقىلارغا ئوخشاش ھالاك بولىدۇ. مەن ئۇلارنى جازالىغاندا، ئۇلار چوقۇم ۋەيران بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»


بۇنداق خوتۇن تاشلار ياشلىقىدا تەگكەن جورىسىنى، ئۇنتۇپ قالار ئۇ خۇدا ئالدىدا قىلغان ئەھدىسىنى.


ئەي بارلىق خەلقلەر، قۇلاق سېلىڭلار! ئەي زېمىن ۋە زېمىندىكى مەۋجۇداتلار، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا تۇرىدۇ. ئۇ يەردە ئۇ سىلەرگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.


كېيىن مەن يەنە سېنىڭ يېنىڭدىن ئۆتتۈم. سەن قىزلارنىڭ ياشلىق باھارىغا تولغانىدىڭ. مەن سېنىڭ يالىڭاچ تېنىڭگە كىيىمىمنى يېپىپ قويدۇم. سەن بىلەن توي قىلىشقا ئەھدە قىلدىم، سەن مېنىڭ بولدۇڭ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


مۇنداقكى زىناخور خوتۇننىڭ تۇتقان يولى: ئوغرىلىقچە يەپ بولۇپ سۈرتەر ئۇ ئاغزىنى، دەر: «قىلمىدىم مەن ھېچقانداق يامانلىقنى».


ئېھ ئامرىقىم، چىرايلىقسەن نەقەدەر، گۈزەلدۇر كۆزۈڭ كەپتەر كەبى شۇ قەدەر.


سامۇئىل ئۇلارغا: _ سىلەرنىڭ مەندە ھېچ ھەققىڭلار قالمىغانلىقىغا پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھ بۈگۈن گۇۋاھ بولسۇن، _ دېدى. ئۇلار سامۇئىلغا: _ گۇۋاھ بولسۇن! _ دېيىشتى.


كېيىن پەرۋەردىگار خۇدا: «ئادەمنىڭ يالغۇز ياشىشى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭغا لايىق بولغۇدەك بىر ھەمراھ يارىتاي» دېدى.


ئۇلار ماڭا: ‹سەن بىزنىڭ روزا تۇتقىنىمىزنى نېمىشقا كۆرمەيسەن؟ بىز تاماق يېمەي جاپا چەكسەك، نېمىشقا پەرۋا قىلمايسەن؟› دەپ سورايدۇ. قاراڭلار، سىلەر روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردىمۇ يەنىلا شەخسىي مەنپەئەتىڭلارنى ئويلايسىلەر، سىلەر ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگەن كىشىلەرنى ئېزىسىلەر.


ئۇلار: _ پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇنكى، بىز سېنى چوقۇم ئۆزىمىزگە باش قىلىمىز، _ دېدى.


ئىنسان خۇدانىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلىيالامدۇ؟ دەرھەقىقەت، سىلەر مېنىڭ نەرسىلىرىمنى ئوغرىلىدىڭلار. بىراق سىلەر: ‹بىز قانداقلارچە ئوغرىلىيالايمىز؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر ماڭا تېگىشلىك بولغان ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ۋە ھەدىيەلەرنى ئوغرىلىدىڭلار.


ئاھ، خەلقىمدىن ئايرىلىپ، ئۇلارنى ئۇنتۇپ كېتەي. چۆللەرنى ماكان قىلاي. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى زىناخورلاردەك خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلغان خەلقتۇر.


ئوغلۇم، نېمىشقا شەيدا بولىسەن بۇزۇق خوتۇنغا؟ نېمىشقا ئاتىسەن ئۆزۈڭنى زىناخور خوتۇننىڭ قوينىغا؟


ئۇلار مېنىڭ خەلقىم ئارىسىدا نومۇسسىز ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ. ئۇلار قوشنىلىرىنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىناخورلۇق قىلدى ۋە نامىمنى ئاتاپ يالغان سۆزلىدى، يەنى مەن بۇيرۇمىغان سۆزلەرنى سۆزلىدى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلىمەن ۋە نېمە قىلغانلىقىغا گۇۋاھمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite