Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مالاكى 2:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 سىلەر قىلغان يەنە باشقا ئىشمۇ بار. پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى كۆز يېشىڭلارغا غەرق بولدى، ئۈن سېلىپ، ئۆكسۈپ يىغلايسىلەر. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ھەدىيەلىرىڭلارنى پەرۋايىغا ئالمىدى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلمىدى.

Gade chapit la Kopi




مالاكى 2:13
15 Referans Kwoze  

ئۇلار روزا تۇتقان تەقدىردىمۇ، ئىلتىجالىرىنى ئاڭلىمايمەن. ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. ئەكسىچە مەن ئۇلارنى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە ھەر خىل كېسەللىكلەر بىلەن ۋەيران قىلىمەن.


ئۇلار ماڭا شىبادىن كەلتۈرۈلگەن مەستىكى رۇمى ياكى يىراق جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن پۇراقلىق ئېگىر كۆيدۈرسىمۇ، كارىم يوق! مەن ئۇلارنىڭ ماڭا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ ماڭا ئاتىغان قۇربانلىقلىرىدىن خۇشال بولمايمەن.


مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆردۈم. لېكىن ھېچكىم ئۇلارغا تەسەللى بېرەلمەيدىكەن، ئەزگۈچىلەر قۇدرەتلىك بولغاچقا ھېچكىم ئېزىلگۈچىلەرگە تەسەللى بېرەلمەيدىكەن.


پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر يامانلارنىڭ قۇربانلىقى، ئۇنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر ئادىللارنىڭ دۇئاسى.


بىز بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى ھازىدار ۋاقتىمىزدا يەپ باقمىدۇق، ناپاك ۋاقتىمىزدا تۇتۇپ باقمىدۇق، ئۆلۈكلەرگە ئاتاپ باقمىدۇق. بىز ساڭا ئىتائەت قىلدۇق. سېنىڭ ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلىرىڭگە ئەمەل قىلدۇق.


ئېھتىياتچان بولۇڭلاركى، قەرز كەچۈرۈم قىلىنىدىغان يەتتىنچى يىلنىڭ ئاخىرى كېلىشى بىلەن نىيىتىڭلار بۇزۇلمىسۇن! ئىسرائىللاردىن بولغان نامرات قېرىندىشىڭلارغا سوغۇق نەزەردە قارىماڭلار، ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇڭلار. بولمىسا ئۇلار پەرۋەردىگارغا نالە قىلىدۇ، سىلەر گۇناھكار بولىسىلەر.


يامانلارنىڭ قۇربانلىقى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر، يامان غەرەزدە قىلىنغان بولسا تېخىمۇ شۇنداقتۇر.


ئەي يەرەمىيا، بۇ كىشىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلما! ماڭا يېلىنىپ، ئۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئىلتىجا قىلما! بالايىئاپەت بېشىغا كەلگەندە، ئۇلار مەندىن ياردەم تىلەپ ئىلتىجا قىلىدۇ. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمايمەن.


بىر مەزگىلدىن كېيىن نۇرغۇن ئەر-ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىي قېرىنداشلىرى توغرۇلۇق ئامما ئارىسىدا نارازىلىق بىلدۈردى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئاراڭلاردىن بىرىڭلار ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى تاقىۋېتسەڭلار بولاتتى. شۇنداق قىلساڭلار، مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا ئوت يېقىپ، ئەرزىمەس قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ ئولتۇرمايتتىڭلار. مەن سىلەردىن رازى ئەمەسمەن. ئەمدى مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن قۇربانلىق قوبۇل قىلمايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite