Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مالاكى 2:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 يەھۇدىيە خەلقى پەرۋەردىگارغا سەمىمىيەتسىزلىك قىلدى. ئۇلار ئىسرائىلىيەدە، ھەتتا يېرۇسالېمدا يىرگىنچلىك گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئاياللار بىلەن توي قىلىپ، پەرۋەردىگار ياخشى كۆرىدىغان ئىبادەتخانىنى بۇلغىدى.

Gade chapit la Kopi




مالاكى 2:11
27 Referans Kwoze  

لېكىن، قورقۇنچاق، ئېتىقادسىز، چىرىك، قاتىل، زىناخور، سېھىرگەر، بۇتپەرەس ۋە يالغانچىلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قىسمىتى گۈڭگۈرت بىلەن يانغان ئوت كۆلىدۇر. مانا بۇ ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر.»


لېكىن ئۇلار ئادامدا ئەھدىنى بۇزدى. شۇ يەردە ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدى.


بەزىلىرى قوشنىسىنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىدۇ، بەزىلىرى كېلىنلىرىنىڭ، يەنە بەزىلىرى ئاتا بىر ئانا باشقا سىڭىللىرىنىڭ نومۇسىغا تېگىدۇ.


قەرز بەرگەن پۇلىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالسا، بۇ ئوغۇل يەنە ھايات قېلىشى كېرەكمۇ؟ ياق، ئۇ چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن، چۈنكى ئۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. ئۇ چوقۇم ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.


ئاندىن سىلەر مېنىڭ نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانامغا كېلىپ، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا تۇرۇپ: ‹بۇ يەردە بىز تىنچ-ئامان!› دەيسىلەر. سىلەر ھەممە يىرگىنچلىك گۇناھلارنى قىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۆزۈڭلارنى ئامان-ئېسەن ھېس قىلامسىلەر؟


ئىسرائىل خەلقى ماڭا ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار خۇددى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلۇمغا ئوخشايتتى. ئۇلارنى يۇتۇۋالماقچى بولغانلارنىڭ ھەممىسى جازاغا تارتىلىپ، بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىدى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›»


پېئور تېغىدا ئۇلار بائال ئىلاھىغا چوقۇنۇپ، ئۆلۈكلەرگە ئاتالغان قۇربانلىقلارنى يېيىشتى.


ئېلام جەمەتىدىن يىخىئېلنىڭ ئوغلى شىكانيا ئەزراغا: _ بىز يەرلىك يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، خۇدايىمىزغا ساداقەتسىزلىك قىلدۇق. شۇنداق بولسىمۇ، ئىسرائىللاردا يەنىلا ئۈمىد بار.


ئۇ كىشىلەر بىلەن ھەرگىز نىكاھلانماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا ۋە روناق تېپىشىغا ياردەم قىلماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر كۈچىيىسىلەر، ئۇ زېمىننىڭ ھوسۇللىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر ھەمدە ئۇ يەرنى ئەۋلادلىرىڭلارغا مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ، قالدۇرالايسىلەر.› دېگەنىدى.


ئۇلار بىلەن ئۆزئارا تويلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى.


سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتالغان خەلقدۇرسىلەر. ئۇ سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق خەلقلەر ئارىسىدىن تاللاپ، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك خەلقى قىلدى.


پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار مۇقەددەستۇرمەن. سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىپ چىقىپ، مېنىڭ خەلقىم قىلدىم.


بۇ پەرۋەردىگارنىڭ مالاكى پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ۋەھىيسىدۇر.


شۇنىڭغا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ ساداقەتسىز قېرىندىشى يەھۇدىيە سەمىمىيەتلىك بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتمىدى. ئۇ پەقەت ئەپۇ سورىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى، خالاس. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite