مالاكى 2:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 ھەممىمىزنىڭ ئاتىسى خۇدا بىر ئەمەسمۇ؟ ھەممىمىزنى خۇدا ياراتقان ئەمەسمۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق، بىز نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى ئالداپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇزىمىز؟ Gade chapit la |
ئۇلار ئۆز شاگىرتلىرىنى رىمدىن تەيىنلەنگەن ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى بىلەن بىللە ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ: - ئۇستاز، سىزنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلگەنلىكىڭىزنى ۋە ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز، چۈنكى كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن ھېسابلاشمايسىز.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئوغۇل ئاتىسىنى، چاكار خوجايىنىنى ھۆرمەت قىلار. ئەگەر مەن بىر ئاتا بولسام، قېنى ماڭا بولغان ھۆرمەت؟ ئەگەر مەن بىر خوجايىن بولسام، قېنى ماڭا بولغان ئىتائەتمەنلىك؟ سىلەر روھانىيلار مېنىڭ نامىمنى دەپسەندە قىلدىڭلار، ئەمما سىلەر ‹قانداق دەپسەندە قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر.