Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مالاكى 2:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1-2 قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي روھانىيلار، بۇ سىلەرگە بېرىلگەن ئەمر. ئەگەر سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار ۋە نامىمنى ھۆرمەتلەشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكمىسەڭلار، مەن سىلەرگە قارغىش ياغدۇرىمەن. قارغىش ئامىتىڭلارنى ئاپەتكە ئايلاندۇرىدۇ. دەرۋەقە شۇنداق قىلدىم، چۈنكى سىلەر نامىمنى ھۆرمەتلەشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكمىدىڭلار.

Gade chapit la Kopi




مالاكى 2:1
6 Referans Kwoze  

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئوغۇل ئاتىسىنى، چاكار خوجايىنىنى ھۆرمەت قىلار. ئەگەر مەن بىر ئاتا بولسام، قېنى ماڭا بولغان ھۆرمەت؟ ئەگەر مەن بىر خوجايىن بولسام، قېنى ماڭا بولغان ئىتائەتمەنلىك؟ سىلەر روھانىيلار مېنىڭ نامىمنى دەپسەندە قىلدىڭلار، ئەمما سىلەر ‹قانداق دەپسەندە قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي روھانىيلار، ئاڭلاڭلار! ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! ئەي پادىشاھ جەمەتى، دىققەت قىلىڭلار! سىلەرگە قارشى ھۆكۈم چۈشۈۋاتىدۇ. چۈنكى بۇتپەرەسلىكىڭلار خەلققە مىزپاھتا قىلتاق، تابور تېغىدا تور بولدى.


ئاندىن ئۇلارغا مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى ئېيتقىن: «مەن پات ئارىدا بۇ زېمىندا ياشىغان بارلىق كىشىلەرنى غەرق مەست قىلىۋېتىمەن. داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرغان پادىشاھلاردىن تارتىپ، تاكى روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ۋە يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن پۇقرالىرىغىچە قاتتىق مەست قىلىمەن.


لېكىن بۇنداق ئىش ھەقىقەتەن يۈز بەردى. چۈنكى گۇناھ قىلدى يېرۇسالېمنىڭ پەيغەمبەرلىرى، ھەققانىيلارنىڭ قېنىنى تۆكتى شەھەردە روھانىيلىرى.


ئىگىسىگە ئۆز ماللىرى ئارىسىدىن بېجىرىم ئەركەك مالنى قۇربانلىق قىلىشقا ۋەدە قىلىپ تۇرۇپ، ئەيىبى بار بولغان مالنى قۇربانلىق قىلغان ئالدامچىغا قارغىش تەگسۇن.» قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلۇغ پادىشاھتۇرمەن، پۈتكۈل ئەللەر نامىمدىن ئەيمىنىدۇ.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite