Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مالاكى 1:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 سىلەر ناپاك قۇربانلىقلارنى قۇربانلىق سۇپامغا قويۇپ، ماڭا ئاتىدىڭلار. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ‹سېنى قانداق خاپا قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامنى ھۆرمەت قىلمىساقمۇ بولىۋېرىدۇ، دەپ ئويلايسىلەر.

Gade chapit la Kopi




مالاكى 1:7
14 Referans Kwoze  

ئەمما سىلەر روھانىيلار ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلدىڭلار. سىلەر مەن ئىگەڭلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆزگە ئىلمايسىلەر. بىز بۇ سۇپىدا ئەرزىمەس يېمەكلىكلەر ۋە قۇربانلىقلارنى سۇنساقمۇ بولىۋېرىدۇ، دەپ ئويلايسىلەر.


سىلەر ھەم رەببىمىزنىڭ جامىدىكىدىن، ھەم جىنلارنىڭ جامىدىكىدىن ئىچسەڭلار بولمايدۇ. ھەم رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا، ھەم جىنلارنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولساڭلار بولمايدۇ.


سىلەرنىڭ كور مالنى قۇربانلىق قىلغىنىڭلار توغرىمۇ؟ ئاقساق-چولاق ۋە كېسەل مالنى قۇربانلىق قىلغىنىڭلار توغرىمۇ؟ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۆلكە باشلىقىغا شۇنداق سوۋغات بېرىپ، سىناپ بېقىڭلارچۇ قېنى، ئۇ خۇرسەن بولامدىكىن، ئۇ سىلەرگە ھىممەت كۆرسىتەمدىكىن؟!


قۇربانلىق سۇپىسىغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر، كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر بولۇپ، تۆت بۇرجىكى، ئاستى ۋە تۆت ئەتراپى ياغاچتىن ياسالغانىدى. ئۇ ئادەم ماڭا: _ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلدۇر، _ دېدى.


ئەگەر بۇ ماللار ئاقساق-چولاق، قارىغۇ ياكى باشقا نۇقسانلىرى بولسا، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار،


ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا پاك بولسۇن، نامىمنى بۇلغىمىسۇن. چۈنكى ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا يېمەكلىك سۈپىتىدىكى تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنىدۇ، شۇڭا ئۇلار پاك بولسۇن.


ماڭا ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلىدىغان ھەرقانداق كۆيدۈرمە ھەدىيەلەرگە خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلمىسۇن. چۈنكى خېمىرتۇرۇچ ياكى ھەسەلنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە ماڭا ئاتاشقا بولمايدۇ.


بۇلارنى روھانىي قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ، ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.


سىلەر روھانىيلارنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئاتالغان يېمەكلىكنى سۇنغۇچىلاردۇر. سىلەر روھانىيلارنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار مۇقەددەستۇرمەن. سىلەرنىمۇ پاكلىغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


پەقەت ئۇلارلا مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى ئۈستەلنىڭ يېنىدا خىزمىتىمنى قىلسا ۋە ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ.


سىلەر ئىگەڭلارغا خىزمەت قىلىشنى بەك ئاۋارىچىلىك دەپ ئويلايسىلەر، مېنى مەنسىتمەيسىلەر. ئويلاپ بېقىڭلار، سىلەر ئوغرىلاپ كەلگەن ياكى ئاقساق-چولاق ۋە كېسەل ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلساڭلار، مەن سىلەرنىڭ قوللىرىڭلاردىن شۇنداق قۇربانلىقلارنى قوبۇل قىلارمەنمۇ؟!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite