Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مالاكى 1:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 پەرۋەردىگار: «مەن سىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ كەلدىم» دەيدۇ. لېكىن سىلەر: «راستمۇ، سەن بىزگە قانداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىڭ؟» دەپ سورايسىلەر. پەرۋەردىگار جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: «ئەساۋ ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەمەسمۇ؟ لېكىن مەن ئەجدادىڭلار ياقۇپقا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىم،

Gade chapit la Kopi




مالاكى 1:2
32 Referans Kwoze  

ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى، مەن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئايان بولۇپ، ئۇلارغا: ‹مەن سىلەرنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم بىلەن سۆيىمەن، سىلەرنى مېھىر-شەپقىتىم بىلەن ماڭا يېقىنلاشتۇرىمەن› دېگەنىدىم.


لېكىن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرنى پۈتكۈل ئەللەر ئىچىدىن تاللىدى. ئەھۋال مانا بۈگۈن سىلەر كۆرۈپ تۇرغاندەكتۇر.


ئۇ ئەجدادلىرىڭلارنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرنى تاللىدى. ئۇ شەخسەن ئۆزىنىڭ بۈيۈك كۈچ-قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.


سىلەر گەپ-سۆزۈڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنى بىزار قىلدىڭلار. لېكىن سىلەر: «بىز قانداق بىزار قىپتۇق؟» دەپ سورايسىلەر. سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلغۇچىلارمۇ ياخشىدۇر، يەنە كېلىپ پەرۋەردىگار ئۇلاردىن خۇرسەندۇر» دەيسىلەر. يەنە سىلەر: «قېنى ئادىل خۇدا؟» دەپ بىلجىرلايسىلەر.


ئەي خەلقىم، مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار. مەن سىلەر ئۈچۈن بىر قۇملۇقمۇ؟ مەن سىلەر ئۈچۈن قاراڭغۇ زېمىنمۇ؟ ئۇنداق بولمىسا نېمىشقا سىلەر ماڭا: ‹بىز ئاخىرى سەندىن قۇتۇلدۇق، ئالدىڭغا ئەمدى بارمايمىز!› دەيسىلەر؟


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مەندىن شۇنچە يىراقلاپ كەتكۈدەك، مەندىن قانداق ئەيىب تېپىۋالغانىدى؟ ئۇلار ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىمۇ ئەرزىمەس قىلىۋالدى.


مەن سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا خەلقلەرنى تۇتۇپ بېرىمەن. چۈنكى سىلەر مەن ئۈچۈن قىممەتلىك ھەم ئەزىز، مەن سىلەرنى سۆيىمەن. شۇڭا ھاياتىڭلارنى ئۇلار بىلەن تېگىشىپ، سىلەرنى ساقلاپ قالىمەن.


ئۇ ماڭا: «مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى نۇرغۇن ئەل قىلىمەن ۋە بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈ مۈلۈك قىلىپ بېرىمەن» دېگەنىدى، _ دېدى.


ئىسھاقنىڭ پۈتۈن ئەزاسىنى تىترەك باستى ۋە ئۇنىڭدىن سورىدى: _ ئۇنداقتا، ھازىر ماڭا ئوۋ گۆشىنى ئېلىپ كەلگەن كىم؟ سەن كېلىشتىن بۇرۇن مەن ئۇنى يەپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەنىدىم. بۇ بەخت مەڭگۈ ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولدى.


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «سېنىڭ قورسىقىڭدا ئىككى خەلق بار. ئۇلار تۇغۇلۇپلا بىر-بىرىگە رەقىب بولىدۇ. بىرى يەنە بىرىدىن كۈچلۈك بولۇپ، ئاۋۋال تۇغۇلغىنى كېيىن تۇغۇلغىنىغا خىزمەت قىلىدۇ.»


ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ سوئال سورىشىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسادىن چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىپ: - مېنىڭ سۆيۈشكە تېگىشلىك قوشنىلىرىم كىملەر؟ - دەپ سورىدى.


مېنىڭ ئەمرىم شۇكى، مەن سىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەندەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار.


لېكىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بىلئامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىدى، ئەكسىچە قارغىشنى بەختكە ئايلاندۇردى، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرگە مېھىر-مۇھەببىتى بار ئىدى.


پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنى سۆيىدۇ، ئۇ ئۆزىگە بېغىشلانغانلارنى قوغدايدۇ. ئۇلار ئۇنىڭغا تەزىم قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئالىدۇ.


ئىدومدىكى بوزرادىن كېلىۋاتقان، قىزىل بويالغان تون كىيگەن، گۈزەل ياسانغان، چەكسىز قۇدرەتلىك، چوڭ قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كىم؟ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن غەلىبەمنى جاكارلايمەن، مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا قادىرمەن.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىدوم خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارغا قىلىچ كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا قىلچە رەھىم-شەپقەت قىلمىدى. ئۇلارغا چەكسىز قەھر قىلدى، غەزىپى پەقەت پەسەيمىدى.


ئاۋۋال تۇغۇلغىنى قىزغۇچ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى ھايۋاننىڭكىدەك تۈكلۈك ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەساۋ [مەنىسى «تۈكلۈك»] دەپ قويدى.


كېيىن تۇغۇلغىنى تۇغۇلغاندا، ئەساۋنىڭ تاپىنىنى چىڭ تۇتۇۋالغان ھالەتتە تۇغۇلدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى ياقۇپ [مەنىسى «تاپىنىغا ئېسىلىۋالغۇچى»] دەپ قويدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا ئىسھاق 60 ياشقا كىرگەنىدى.


پەرۋەردىگارلىرى خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! پەرۋەردىگار ئۆزلىرىدىن سۆيۈنۈپ، سىلىنى ئىسرائىلىيە تەختىگە ئولتۇرغۇزۇپتۇ. پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك بولغاچقا، ئۇ سىلىنى ئادىل ۋە ھەققانىي ھۆكۈم چىقارسۇن دەپ، پادىشاھ قىلىپ تىكلەپتۇ.


سىلىچە، بىز قايسى يول بىلەن ھۇجۇم قىلساق بولار؟» دەپ سورىدى. يورام: «ئىدوم چۆلىدىكى يول بىلەن بارايلى» دەپ جاۋاب ئەۋەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite