Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 جەلىلىيىدىكى ھىرود خان ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، گاڭگىراپ قالدى. چۈنكى، بەزىلەر: «بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقان كىشى يەھيا پەيغەمبەر ئىكەن. ئۇ تىرىلىپتۇ!» دېسە،

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:7
13 Referans Kwoze  

- بەزىلەر سىزنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا دەيدۇ، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر دەيدۇ، ۋە يەنە بەزىلەر باشقا قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى تىرىلىپتۇ دەيدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى شاگىرتلار.


رىم ئىمپېراتورى تىبېرىيۇسنىڭ 15~-~يىلى، خۇدادىن چۆلدە ياشاۋاتقان زەكەرىيانىڭ ئوغلى يەھياغا ۋەھىي كەلدى. شۇ چاغدا، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە پونتىي پىلاتۇس ۋالىي ئىدى. ھىرود خان جەلىلىيە ئۆلكىسىدە، ھىرود خاننىڭ ئىنىسى فىلىپ خان ئىتۇرىيە ۋە تراخونىتىس ئۆلكىلىرىدە، لىسانياس خان ئابىلىنىي ئۆلكىسىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتاتتى. ھانناندىن كېيىن قاياپا باش روھانىيلىق قىلىۋاتاتتى.


ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى يانتاقتىن، ئەڭ دۇرۇسلىرى تىكەنلىك چىتلاقتىن بەتتەردۇر. پەيغەمبەرلەر ئېيتقان جازا كۈنى كەلدى. ئەمدى ساراسىمىگە چۈشىدىغان ۋاقتىڭلار بولدى.


ئىگەم _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەن جىلغىغا ۋەيرانچىلىق، مەغلۇبىيەت ۋە قالايمىقانچىلىق كۈنلىرىنى ئىرادە قىلدى. سېپىللار بۇزۇپ تاشلىنىدىغان ۋە تاغلاردىن ياردەم تىلەپ يىغلايدىغان كۈنلەرنى ئىرادە قىلدى.


ۋەھىمە ئىچىدە يوقىلار ئۇلار، ھەم بىر دەقىقىدىلا پارچە-پارچە بولار.


- مەن كېلىشتىن بۇرۇن، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار غەيرىي تۈس ئالىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئەللەر دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ غەزەپلىك شاۋقۇنىدىن ئالاقزادە بولىدۇ.


زىنداندىكى يەھيا پەيغەمبەر ئەيسا مەسىھنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ، شاگىرتلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ھەزرىتى ئەيسادىن:


شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا: - بەزىلەر سىزنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر ۋە يەنە بەزىلەر باشقا قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ بىلىدىكەن، - دەپ جاۋاب بېرىشتى.


دەل شۇ چاغدا، بىرنەچچە پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - بۇ يەردىن باشقا جايغا كېتىڭ. ھىرود خان سىزنى ئۆلتۈرمەكچى، - دېدى.


ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھىرود خاننىڭ قول ئاستىدىكى ئۆلكىدىن كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ھىرودقا يوللاپ بەردى. (ئۇ چاغدا ھىرودمۇ يېرۇسالېمدا ئىدى.)


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite