61 يەنە بىرسى: - ئەي ئۇستاز، مەن سىزگە ئەگەشمەكچىمەن. بىراق، ئاۋۋال ئۆيۈمگە بېرىپ، ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ كېلەي، - دېدى.
- ماڭا ئەگەشكەنلەر مېنى ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىسى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرمىسە، مېنىڭ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس.
ئېلىشا ئۆكۈزلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئىلياسنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ: _ ئاتا-ئانامنى سۆيۈپ خوشلىشىۋېلىشىمغا رۇخسەت قىلسىڭىز، ئاندىن سىزگە ئەگەشسەم، _ دېدى. ئىلياس ئۇنىڭغا: _ بېرىشىڭ زۆرۈر بولسا، بېرىپ كەلگىن، _ دېدى.
ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان ساداقىتى ئېشىپ چۈشەر ئاتا-ئانا، قېرىنداش ۋە پەرزەنتلىرىگە بولغان ساداقىتىدىن. ئەمەل قىلدى ئۇلار ئەمرلىرىڭگە، چىڭ تۇرۇپ كەلدى سېنىڭ ئەھدەڭدە.
قىلالايدىغان ئىشلىرىڭنى ئامال بار تىرىشىپ قىلغىن، چۈنكى سەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن باقىي دۇنيادا قىلىدىغان ئىش، پىلان، بىلىم ۋە دانالىقمۇ يوق.
سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلارنى ئېلىپ كەلمەكچى بولغان قېرىندىشىم تىتۇس ئۇ يەرگە تېخى كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كۆڭلۈم تەشۋىشكە چۈشۈپ، ئۇ يەردىكىلەر بىلەن خوشلىشىپلا ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە ئۇنى ئىزدەپ كەتتىم.