60 - ئۆلگەنلەرنى روھى ئۆلۈكلەر ئۆزلىرى يەرلىككە قويسۇن! سەن بولساڭ بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقات، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.
لېكىن، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن، ھۇزۇر-ھالاۋەت ئۈچۈنلا ياشايدىغان تۇل ئاياللار ھايات بولسىمۇ، روھىي جەھەتتە بەرىبىر ئۆلگەنگە ھېساب.
- ساردىستىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:«خۇدانىڭ يەتتە روھىغا ۋە يەتتە يۇلتۇزغا ئىگە بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى بىلىمەن. ھايات جامائەتچىلىك، دەپ نام ئېلىپسەن، لېكىن ئۆلۈكسەن.
لېكىن، سەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزۈڭنى سەگەك تۇت. ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا تەييار تۇر. ھەر ۋاقىت خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىدە بولۇپ، خۇدا ساڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىل.
پۇرسەت بولسۇن-بولمىسۇن، ھەر ۋاقىت خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگىن. سەن زور سەۋر-تاقەت ۋە ياخشى تەلىم بېرىش بىلەن كىشىلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەتكۈز ھەمدە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن ۋە رىغبەتلەندۈرگىن.
لېكىن، سېنىڭ ئىنىڭ ئۆلۈپ تىرىلدى، يوقىلىپ تېپىلدى. ئۇنى زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋېلىشىمىزغا تېگىشلىك» دەپتۇ ئاتىسى ئۇنىڭغا.
گەرچە بىز گۇناھلىرىمىز تۈپەيلىدىن روھىي جەھەتتە ئۆلگەن بولساقمۇ، خۇدا بىزنى ئەيسا مەسىھكە باغلىغان ھالدا يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر پەقەت ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار.
سىلەر بۇرۇن خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئىچىدە ياشىغانلىقىڭلار سەۋەبىدىن روھىي جەھەتتە ئۆلۈك ئىدىڭلار.
خۇش خەۋەرنى تارقاتقانلىقىمغا كەلسەك، ئۇنىڭ بىلەن ماختىنالمايمەن، ئەلۋەتتە. چۈنكى، خۇش خەۋەرنى تارقىتىش مېنىڭ بۇرچۇم. ئۇنى تارقاتمىسام بولمايدۇ!
ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر تارقاتتى، ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ماڭا ئەگەشكىن! ئۆلگەنلەرنى روھى ئۆلۈكلەر ئۆزلىرى يەرلىككە قويسۇن، - دېدى.
چۈنكى، ئوغلۇم ئۆلۈپ تىرىلدى، يوقىلىپ تېپىلدى!» دەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھەممەيلەن خۇشال-خۇرام يەپ-ئىچىشىپ، كۆڭۈل ئېچىشىپتۇ.