58 بىراق، ھەزرىتى ئەيسا: - تۈلكىنىڭ ئۆڭكۈرى، قۇشنىڭ ئۇۋىسى بار. بىراق، ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، - دېدى ئۇنىڭغا.
بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - تۈلكىنىڭ ئۆڭكۈرى، قۇشنىڭ ئۇۋىسى بار. بىراق، ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، - دېدى.
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقاد جەھەتتە باي قىلىش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، تاللىدى.
ماڭا شاھ بولغان ئى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا، قۇربانلىق سۇپاڭنىڭ ئەتراپلىرىغا، ھەتتا قۇشقاچلار سالدى ئۇۋا، قارلىغاچمۇ جاي تاپتى بالىلىرىنى بېقىشقا.
رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نەقەدەر مېھىر-شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ، سىلەر ئۈچۈن نامرات بولدى. مەقسەت، ئۆزى نامرات بولۇش ئارقىلىق سىلەرنى روھىي جەھەتتىن باي قىلىش ئىدى.
قىچا ئۇرۇقى پۈتۈن ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولسىمۇ، ئۇ ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ كۆچەت بولىدۇ، ھەتتا قۇشلارمۇ كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ.