56 ئاندىن، ئۇلار باشقا بىر يېزىغا كەتتى.
دېمەك، يامانلىق ئالدىدا تىز پۈكمەڭلار، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار.
ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلدى.
خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سوراققا تارتىشقا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى.
ئوغرى بولسا ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئادەملەر ھاياتلىققا ئېرىشسۇن ۋە ئۇ ھاياتلىق مول بولسۇن، دەپ كەلدىم.
ئىنسانئوغلى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازغان ئادەملەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
- بۇ سەبىيلەرنىڭ ھەرقانداق بىرىگىمۇ سەل قاراشتىن ساقلىنىڭلار. شۇنى ئېيتايكى، ئۇلارنىڭ ئەرشتىكى پەرىشتىلىرى ئەرشتىكى ئاتام خۇدانىڭ جامالىنى ھەر دائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ.
«ئەيسا مەسىھ گۇناھكارلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدى» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا پۈتۈنلەي ئەرزىيدۇ. مەن گۇناھكارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئۇچىغا چىققان گۇناھكار بولىمەن.
سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، سۆزلىرىمگە ئەمەل قىلمىغانلارنى سوراققا تارتمايمەن، چۈنكى مەن ئىنسانلارنى سوراققا تارتقىلى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزغىلى كەلدىم.
ھەزرىتى ئەيسا: - ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، - دېدى. لەشكەرلەر چەك تاشلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى.
بىراق، ھەزرىتى ئەيسا: - بەس! - دېدى ۋە قولىنى ئۇزىتىپ چاكارنىڭ قۇلىقىغا تەگكۈزۈپ قويۇۋىدى، شۇئان ساقىيىپ كەتتى.
لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەسكى بىلەن تەڭ بولماڭلار. بىرسى ئوڭ يۈزۈڭلارغا ئۇرسا، سول يۈزۈڭلارنىمۇ تۇتۇپ بېرىڭلار.
لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلىدى.
ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، بىر كىشى ھەزرىتى ئەيساغا: - سىز قەيەرگە بارماڭ، مەن سىزگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، - دېدى.
ئىنسانئوغلى ئازغان ئادەملەرنى قۇتقۇزغىلى كەلدى.