Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:52 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

52 بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئالدىن ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار سامارىيە ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىغا كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا كىرىشتى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:52
13 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئون ئىككى شاگىرتىنى خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىشتىن ئاۋۋال، ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: - يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ زېمىنلىرىغا بارماڭلار. سامارىيىلىكلەرنىڭ شەھەرلىرىگىمۇ بارماڭلار.


ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ تەشەككۈر ئېيتتى. بۇ ئادەم يەھۇدىيلار يامان كۆرىدىغان سامارىيىلىكلەردىن ئىدى.


لېكىن، يەھۇدىيلار يامان كۆرىدىغان سامارىيىدىن كەلگەن بىر كاپىر بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنى كۆرۈپلا ئىچ ئاغرىتىپتۇ


شۇ ئىشلاردىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلاردىن يەنە يەتمىش ئىككىنى تاللاپ، ئۆزى بارماقچى بولغان شەھەر-يېزىلارغا ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتتى.


يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيساغا جاۋابەن: - ئەجەبا، بىزنىڭ سېنى: «سامارىيىلىك ھەم جىن چاپلاشقان ئادەمسەن» دېگەن سۆزىمىز توغرا ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى.


چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا: «مانا، ئالدىڭدا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ سېنىڭ يولۇڭنى ئالدىنئالا تەييارلايدۇ» دەپ يېزىلغان ۋە بۇ يەردىكى «ئەلچىم» دەل يەھيا پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مانا، ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ماڭا يول ھازىرلايدۇ. ئۇ توساتتىن ئۆز ئىبادەتخانىسىغا كېلىدۇ. ئۇ سىلەر تەلمۈرۈۋاتقان ئىگەڭلار شۇدۇر. سىلەر تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان ئەھدە خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى ئەلچى ئۇنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ چوقۇم كېلىدۇ!


ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا بېرىش سەپىرىدە سامارىيە بىلەن جەلىلىيە ئۆلكىلىرى چېگرىلىنىدىغان رايونلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ،


يول ئۈستىدە سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى.


بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا سامارىيىنىڭ سىھار دېگەن يېزىسىغا كەلدى. سىھار بۇرۇنقى زاماندا ياقۇپ ئۆز ئوغلى يۈسۈپكە مىراس قىلغان يەرگە يېقىن بولۇپ،


يەھۇدىيلارنىڭ سامارىيىلىكلەرنى كاپىر دەپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ چىنە-قاچىلىرىنىمۇ ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئايال: - ئۆزىڭىز يەھۇدىي تۇرۇپ، مەندەك سامارىيىلىك ئايالدىن قانداقلارچە سۇ تەلەپ قىلىپ قالدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite