42 بالا كېلىۋاتقاندا، جىن ئۇنى يەرگە يىقىتىپ، پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا جىننى ھەيدىۋېتىپ، بالىنى ساقايتتى ۋە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
ئۆلۈپ قالغان يىگىت قوپۇپ، گەپ قىلىشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي ئەرش ۋە ئەرشتە ياشىغۇچىلار، خۇشال بولۇڭلار! لېكىن، ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي يەر ۋە دېڭىزلار! چۈنكى، ئىبلىس ئۈستۈڭلارغا تاشلاندى. ئۇ ئۆز ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلىپ، دەرغەزەپكە كەلدى.»
ئۇنىڭغا دائىم بىر جىن چاپلىشىۋېلىپ، ئۆزىچىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدۇ. بەزىدە پۈتۈن بەدىنى تارتىشىپ قېلىپ، ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك كېلىدۇ. جىن ئۇنى دائىم قىيناپ ئارام بەرمەيدۇ.
ئۇلار بالىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. جىن ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈش بىلەنلا بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى. بالا يىقىلىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ، يەردە يۇمىلاشقا باشلىدى.
ئېلىشا گېخازىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: _ شۇنېملىق ئايالنى چاقىرغىن، _ دېدى. گېخازى ئۇ ئايالنى چاقىردى. ئېلىشا ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەن ئايالغا: _ بالىڭىزنى ئېلىڭ، _ دېدى.
پېترۇس ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە تۇل ئاياللار بىلەن باشقا ئېتىقادچىلارنى چاقىرىپ، دوركاسنى ئۇلارغا تىرىك تاپشۇرۇپ بەردى.
ئىلياس بالىنى كۆتۈرۈپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھۇجرىدىن پەسكە چۈشۈپ، بالىنى ئانىسىغا تۇتقۇزۇپ: _ قاراڭ، بالىڭىز تىرىلدى! _ دېدى.
- ئەي ئېتىقادسىز ۋە چىرىك ئەۋلاد! مەن سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ، سىلەرنىڭ يەنىلا ماڭا ئىشەنمىگەنلىكىڭلارغا يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەي؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئاندىن، ھېلىقى كىشىگە: - بالاڭنى ئېلىپ كەل، - دېدى.
كۆپچىلىك خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ھەيران بولۇشتى. كۆپچىلىك ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىغا ھەيران بولۇپ تۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا:
شاگىرتلار پالاق ئۇرۇپ تۆت-بەش چاقىرىم يەرگىچە بارغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆل ئۈستىدە مېڭىپ كېمىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇشۇپ كەتتى.