Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:33 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

33 بۇ ئىككى پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسادىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا، پېترۇس ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستازىم، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! بىرى سىزگە، بىرى مۇسا پەيغەمبەرگە، يەنە بىرى ئىلياس پەيغەمبەرگە دەپ، بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى، - دېدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:33
13 Referans Kwoze  

چۈنكى، دۇنيانى ياراتقاندا «نۇر قاراڭغۇلۇقتىن چاقنىسۇن» دەپ ئەمر قىلغان خۇدا بىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئايان قىلغان ئۇلۇغلۇقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتتى.


- ئى رەببىم، ئاتىڭىزنى كۆرسىتىپ قويسىڭىزلا، رازى بولاتتۇق، - دېدى فىلىپ.


- ئۇستازىم، بىز كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق، - دېدى سىمۇن، - بىراق، دېگىنىڭىزگە بىنائەن تورنى سالساق سالايلى.


- سىلەر نېمە تەلەپ قىلغانلىقىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - مەن ئىچىدىغان ئازاب قەدىھىنى ۋە مەن قوبۇل قىلىدىغان چۆمۈلدۈرۈشنى سىلەرمۇ قوبۇل قىلالامسىلەر؟


ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ يېنىغا بارغىنىدا، بىر كىشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ:


شۇڭا دەيمەن ئەۋزەلدۇر يېقىن تۇرۇش خۇداغا، پاناھ قىلدىم ھەر زامان پەرۋەردىگارنى ئۆزۈمگە، بايان قىلىپ خۇدانىڭ قۇدرىتىنى ھەممىگە.


ئۆتۈنىمەن پەرۋەردىگاردىن بىر ئىشنى، ئېيتاي يەنى ئىستىگىمنى: «ياشاپ بىر ئۆمۈر پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە، قانسام ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە، تەپەككۇر قىلالىسام ئىگەم ھەققىدە.»


پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا: - ئى رەببىم، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! خالىسىڭىز، بىرى سىزگە، بىرى مۇسا پەيغەمبەرگە، يەنە بىرى ئىلياس پەيغەمبەرگە دەپ، بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياساي، - دېدى.


پېترۇس گەپ قىلىۋاتقاندا، بىر بۇلۇت پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى قاپلىۋالدى. شاگىرتلار بۇلۇت ئىچىدە قالغىنىدا قورقۇشۇپ كەتتى.


يۇھاننا ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، سىزنىڭ نامىڭىز بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن، ئۇ بىزگە ئوخشاش سىزگە ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن، بىز ئۇنى توستۇق، - دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite