3 ئۇ شاگىرتلىرىغا: - سىلەر سەپەردە ھېچ نەرسە ئالماڭلار، نە ھاسا، نە خۇرجۇن، نە نان، نە پۇل ئېلىۋالماڭلار، ھەتتا بىرەر ئارتۇق كۆڭلەكمۇ ئېلىۋالماڭلار.
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىدىن: - بۇرۇن مەن سىلەرنى سەپەرگە ئەۋەتكەندە، ھەميان، خۇرجۇن ۋە ئاياغ ئالماڭلار، دېگەنىدىم. ئۇ چاغدا، بىرەر نەرسەڭلار كەم بولۇپ قالغانمۇ؟ - دەپ سورىدى. - ياق، - دەپ جاۋاب بېرىشتى شاگىرتلار.
ياخشىلىق قىل، ئىشەنچ باغلا پەرۋەردىگارغا، تىنچ-ئامان ياشايسەن خۇدا بەرگەن زېمىندا.
جەڭچى بولغان كىشى ئۆز قوماندانىنى رازى قىلىش ئۈچۈن، تۇرمۇشنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىغا باشقا پۇقرالاردەك ئارىلاشماسلىقى كېرەك.
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار.
- ئىككى قۇر كىيىمى بارلار بىر قۇرىنى يوقلارغا بەرسۇن، يەيدىغىنى بارلارمۇ شۇنداق قىلسۇن، - دەپ جاۋاب بەردى يەھيا پەيغەمبەر.
ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟
شۇ كۈنى، لاۋىي ئۆيىدە ھەزرىتى ئەيساغا كاتتا زىياپەت بەردى. تەكلىپ قىلىنغان نۇرغۇن باجگىرلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەرمۇ ھەزرىتى ئەيسا ۋە شاگىرتلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى.
ئۇ ئون ئىككى شاگىرتىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىنى بەردى ۋە خەلق ئارىسىغا ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتتى.
بىر يۇرتقا بارغىنىڭلاردا، قايسى ئائىلىدە قارشى ئېلىنساڭلار، ئۇ يەردىن كەتكۈچە شۇ ئائىلىدىلا تۇرۇڭلار.