25 بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟!
بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! نېمىنى تۆلەپمۇ ھاياتلىققا ئېرىشكىلى بولسۇن؟!
بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟!
خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئالدىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە لاياقەتسىز بولۇپ قالماسلىقىم ئۈچۈن، تېنىمنى ئېتىقاد يولىدا ياشاشقا قاتتىق كۆندۈرۈپ، ئۆزۈمنى تىزگىنلەۋاتىمەن.
ۋە ئۇلارنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا تاشلايدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.
(يەھۇدا قىلغان ئەسكىلىكى بەدىلىگە ئىگە بولغان پۇلغا بىر پارچە يەر سېتىۋېلىپ، شۇ يەردە باشچىلاپ يىقىلىپ، ئۈچەي-قېرىنى چۇۋۇلۇپ ئۆلدى.
تور توشقاندا، بېلىقچىلار ئۇنى قىرغاققا تارتىپ چىقىرىدۇ. ئاندىن ئولتۇرۇپ، ياخشى بېلىقلارنى ئىلغىۋېلىپ، سېۋەتلەرگە قاچىلاپ، ناچارلىرىنى تاشلىۋېتىدۇ.
مەھبۇس ئېتىقادچىلارنىڭ دەردىگە ئورتاق بولدۇڭلار. مال-مۈلكۈڭلار بۇلانغاندىمۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ گۈزەل، باقىي بايلىققا ئىگە بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلگەچكە، خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىڭلار.