Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم، دەپ بىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. - سىز خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنسىز، - دەپ جاۋاب بەردى پېترۇس.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:20
20 Referans Kwoze  

بەزىلەر: «بۇ، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ!» دېيىشەتتى. يەنە بەزىلەر بولسا: «ئۇنداق ئەمەستۇ! مەسىھ جەلىلىيىدىن كەلمەيتتىغۇ؟


- يۈرۈڭلار، ھاياتىمدا قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ئادەمنى كۆرۈپ كېلىڭلار. ئەجەبا، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ شۇمىدۇ؟ - دېدى.


لېكىن، سائۇل تېخىمۇ قايىل قىلارلىق تەلىم بېرىپ، دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدۇردى.


بۇ خاتىرىلەر سىلەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى.


- ئىشىنىمەن رەببىم، - دېدى مارتا، - سىزنىڭ ئىنسانلار ئارىسىغا كېلىشكە تەيىنلەنگەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ، خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىمەن.


ئۇلار ئايالغا: - بىزنىڭ ئېتىقاد قىلىشىمىز ئەمدى پەقەت سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز سەۋەبىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئاڭلىغانلىقىدىنمۇ بولدى. ئۇنىڭ ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق! - دېيىشتى.


ناتانيەل ھەزرىتى ئەيسانىڭ باشقىلار كۆرەلمەيدىغان ئىشلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىدىن ھەيران بولۇپ: - ئۇستاز، سىز شەكسىزكى خۇدانىڭ ئوغلى، ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى ئىكەنسىز! - دەپ ئېتىراپ قىلدى.


ئەندەر دەرھال ئۆز ئاكىسى سىمۇننى تېپىپ، ئۇنىڭغا: - بىز «مەسىھ»~نى تاپتۇق! - دېدى. («مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى» دېگەن مەنىدە.)


ھەزرىتى ئەيسا يەنە ئۇلاردىن: - سىلەرچۇ، سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ - دەپ سورىدى. - سىز قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنسىز، - دەپ جاۋاب بەردى پېترۇس.


ئەيسانىڭ مەسىھ، يەنى قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان بولىدۇ. ئاتىسىنى سۆيىدىغان كىشى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ سۆيىدۇ.


ئۇلار يولدا كېتىۋېتىپ، سۇ بار بىر يەرگە كەلگەندە، ئەمەلدار: - بۇ يەردە سۇ بار ئىكەن. مۇشۇ يەردىلا چۆمۈلدۈرۈلسەم بولمامدۇ؟ - دېدى.


ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئېيتقىن، سەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھمۇ؟ - دەپ سوراشتى. ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - سىلەرگە ئېيتساممۇ، ئىشەنمەيسىلەر.


لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا شۈك تۇرۇپ، ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. باش روھانىي يەنە ئۇنىڭدىن: - مەدھىيىلىنىشكە لايىق بولغان خۇدانىڭ ئوغلى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ سەنمۇ؟ - دەپ سورىدى.


- قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ توغرىسىدا نېمە ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ كىمنىڭ ئەۋلادى؟ - دەپ سورىدى. - داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى، - دېيىشتى ئۇلار.


ئەگەر سىلەر دوستلىرىڭلار بىلەنلا سالام-سەھەت قىلىشساڭلار، بۇنىڭ باشقىلاردىن نېمە پەرقى؟ ھەتتا بۇتپەرەسلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ!


لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا لام-جىم دېمىدى. باش روھانىي ئۇنىڭغا: - مەڭگۈ ھايات خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىشىڭنى بۇيرۇيمەن. ئېيتقىن، خۇدانىڭ ئوغلى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ سەنمۇ؟ - دېدى.


- بەزىلەر سىزنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا دەيدۇ، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر دەيدۇ، ۋە يەنە بەزىلەر باشقا قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى تىرىلىپتۇ دەيدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى شاگىرتلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite