2 ئاندىن، ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى تارقىتىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا ئەۋەتتى.
ئۇ شەھەردىكى كېسەللەرنى ساقايتىڭلار ۋە ئۇ يەردىكى كىشىلەرگە: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ!» دەڭلار.
كىشىلەرگە: - يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ! - دېدى.
بىراق، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خالايىقمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر ئىشلارنى چۈشەندۈردى ۋە كېسىلى بارلارنى ساقايتتى.
شۇنداق قىلىپ، شاگىرتلار يولغا چىقىپ، كىشىلەرنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا ئۈندىدى.
خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنىڭ بارلىق مىللەتلەرگە ئاڭلىتىلىشى ئۈچۈن، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدۇ، ئاندىن زامان ئاخىرى كېلىدۇ.
ئەگەر بىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى سۆزنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشەنمىسە، شەيتان كېلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە چۈشكەن سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ دەل چىغىر يول ئۈستىگە چېچىلغان ئۇرۇقلاردۇر.
يەھيا پەيغەمبەرنىڭ زامانىغىچە، تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى سىلەرگە يېتەكچى ئىدى. بىراق، يەھيا كەلگەندىن بېرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر تارقالماقتا ۋە نۇرغۇن ئادەم تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئۇنىڭغا كىرمەكتە.
«خۇدادىن كېلىدىغان جازاغا ئۆزلىرىڭلارنىڭ جاۋابكار بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىز شەھىرىڭلارنىڭ ئايىغىمىزغا قونغان توپىسىنىمۇ قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىمىز!» دەپ ئاگاھلاندۇرۇڭلار ۋە ئۇلارغا: «بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە راستتىنلا نامايان بولغانىدى!» دەڭلار.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، پۈتۈن ئىنسانلارغا خۇش خەۋەرنى جاكارلاڭلار.
شۇ ئىشلاردىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلاردىن يەنە يەتمىش ئىككىنى تاللاپ، ئۆزى بارماقچى بولغان شەھەر-يېزىلارغا ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتتى.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئون ئىككى شاگىرتىنى خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىشتىن ئاۋۋال، ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى: - يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ زېمىنلىرىغا بارماڭلار. سامارىيىلىكلەرنىڭ شەھەرلىرىگىمۇ بارماڭلار.