18 بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى يالغۇز دۇئا قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ يې نىدا شاگىرتلىرىلا بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - خالايىق مېنى كىم دەپ بىلىدىكەن؟ - دەپ سورىدى.
بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بىر يەردە دۇئا قىلىۋاتاتتى. دۇئا ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا: - ئى رەببىم، يەھيا پەيغەمبەر ئۆز شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكىنىدەك، سىزمۇ بىزگە دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز، - دېدى.
كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىللە گېتسىمانە دېگەن بىر يەرگە كەلدى. ئۇ شاگىرتلىرىغا: «مەن ئۇ ياققا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ جايدا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار» دەپ،
ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزى تەنھا تاغقا چىقتى، كەچتىمۇ ئۇ يەردە يالغۇز قالدى.
يەھيا پەيغەمبەر زىندانغا تاشلىنىشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭدىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانىدى. شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسامۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسمان يېرىلدى.
بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى.
- بەزىلەر سىزنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا دەيدۇ، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر دەيدۇ، ۋە يەنە بەزىلەر باشقا قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى تىرىلىپتۇ دەيدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى شاگىرتلار.
تەخمىنەن سەككىز كۈندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇس، يۇھاننا ۋە ياقۇپنى ئېلىپ، دۇئا قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى.
ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ يۈزى ئۆزگەردى. كىيىملىرى ئاپئاق بولۇپ، چاقماقتەك چاقنىدى.