15 شاگىرتلار كۆپچىلىكنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېگىنى بويىچە ئولتۇرغۇزدى.
چۈنكى، شۇ يەردە يىغىلغان ئەرلەرنىڭلا سانى تەخمىنەن بەش مىڭچە بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - خالايىق ئەللىكتىن-ئەللىكتىن بۆلۈنۈپ ئولتۇرسۇن، - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى. ئاندىن، نانلارنى ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىغا بەردى.