لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى11 بىراق، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خالايىقمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر ئىشلارنى چۈشەندۈردى ۋە كېسىلى بارلارنى ساقايتتى. Gade chapit la |
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى. بىراق، باشقىلارغا كەلسەك، ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەنلا چۈشەندۈرىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار سۆزۈمنى ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ. بۇ ئەھۋال يەشايا پەيغەمبەرنىڭ دېگىنىدەك بولدى: «ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ.»