Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا ھەرقانداق جىننى ھەيدەش، كېسەللەرنى ساقايتىش قۇدرىتى ۋە ھوقۇقىنى بەردى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:1
15 Referans Kwoze  

بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئىشەنگەن كىشى مېنىڭ ئەمەلىيىتىمدەك قىلالايدۇ. مۇنداق كىشى بۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن.


قۇلاق سېلىڭلار! مەن سىلەرگە يىلان-چاياندەك شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا يانجىپ تاشلىيالايدىغان، ئۇنىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتىنى بېسىپ چۈشىدىغان ھوقۇق بەردىم. سىلەرگە ھېچقانداق نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.


ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىپ، مۇقەددەس خىزمەتكارىڭ ئەيسانىڭ نامىدىن كېسەللەرنى ساقايتىپ، مۆجىزە ۋە كارامەتلەر ياراتقايسەن.


ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ساڭا بېرىمەن. سېنىڭ يەر يۈزىدە يول قويغانلىرىڭ ئەرشتىمۇ يول قويۇلۇپ بولغان بولىدۇ. سېنىڭ يەر يۈزىدە يول قويمىغانلىرىڭ ئەرشتىمۇ يول قويۇلمىغان بولىدۇ، - دېدى.


بىراق شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مۇقەددەس روھ ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەندە، سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە تولۇپ، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە ئۆلكىلىرى، ھەتتا دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر.


پېترۇس ئۇنىڭغا: - ئەنېياس، ئەيسا مەسىھ سېنى ساقايتتى. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، كۆرپەڭنى يىغىشتۇر! - دېدى. ئەنېياس دەرھال ئورنىدىن تۇردى.


مانا شۇ ھەزرىتى ئەيساغا قىلغان ئېتىقادىمىز بىلەن، بۇ توكۇر ئادەمگە كۈچ كىردى. سىلەر كۆرۈپ تۇرغان ۋە تونۇيدىغان بۇ ئادەم ھەزرىتى ئەيساغا بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق ساپمۇساق بولدى. سىلەرمۇ بۇنى كۆردۈڭلار.


ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى. ئۇ يەردىكى خالايىق ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارغا مۇپتىلا بولغان كېسەللەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە جىن چاپلاشقان، بەزىلىرىنىڭ تۇتقاقلىقى بار ۋە يەنە بەزىلىرى پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ساقايتتى.


مېنىڭمۇ ئۈستۈمدە باشلىقىم، قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. چاكىرىمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ، - دېدى.


شۇ ئىشلاردىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلاردىن يەنە يەتمىش ئىككىنى تاللاپ، ئۆزى بارماقچى بولغان شەھەر-يېزىلارغا ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite