Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 بەزىلىرى ئاستى تاشلىق تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئەمما، يەردىكى نەملىك يېتىشمىگەنلىكتىن، ئۇرۇقلار ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن قۇرۇپ كېتىپتۇ.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:6
14 Referans Kwoze  

تاشلىق تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلار بۇنىڭغا بىر مەھەل ئىشەنگەن بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يىلتىزى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىرەر مۈشكۈللۈككە يولۇقسىلا، بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.


يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، «بۈگۈن خۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، ئەجدادلىرىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلغان كۈنلەردىكىدەك جاھىللىق قىلماڭلار.»


ئات قىيا تاشلار ئۈستىدە چاپالامدۇ؟ ئۆكۈز دېڭىزنى يەردەك ئاغدۇرالامدۇ؟ لېكىن سىلەر شۇنداق قىلىپ، ئادالەتنى زەھەرگە ئايلاندۇردۇڭلار، ھەققانىيەتنىڭ شېرىن مېۋىلىرىنى قىرتاق قىلدىڭلار.


سىلەرگە يېڭى قەلب ۋە يېڭى روھ ئاتا قىلىمەن. ئىچىڭلاردىكى تاش يۈرەكنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا يۇمشاق گۆش يۈرەك قويىمەن.


ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ سەمىمىيەت ئىزدەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن بۇ كىشىلەرنى جازالىغان بولساڭمۇ، ئۇلار سۆزلىرىڭگە ئېتىبار قىلمىدى. ھەتتا سەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئازلا قالغان چاغدىمۇ، ئۇلار خاتالىقىنى تۈزىتىشنى خالىمىدى. ئۇلار قەلبلىرىنى خۇددى تاشتەك قاتتىق قىلدى. ئۇلار توۋا قىلىشنى خالىمىدى.


مەن ئۇلارغا سەمىمىي بىر قەلب ۋە يېڭى روھ ئاتا قىلىمەن. ئۇلارنىڭ تاشتەك قاتتىق يۈرىكىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئورنىغا بىر يۇمشاق يۈرەك ئاتا قىلىمەن.


- بىر دېھقان ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزىغا چىقىپتۇ. چاچقان ئۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپ، كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا قاپتۇ ۋە قۇشلارغا يەم بوپتۇ.


بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ. مايسىلار تىكەنلەر بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسۈپتۇ. بىراق، نەتىجىدە تىكەنلەر مايسىلارنى بېسىۋاپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite