Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:53 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

53 بىراق، خالايىق ئۇنى مەسخىرە قىلدى. چۈنكى، قىزنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزگەنلىكىدىن ئۇلارنىڭ خەۋىرى بار ئىدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:53
11 Referans Kwoze  

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان پۇلغا ئامراق پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى.


ئۇ كەمسىتىلدى، كىشىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىندى، ئۇ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە جەبىر-جاپانى يەتكۈچە تارتتى. كىشىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، نەپرەتلەندى، ئۇنى بىزمۇ ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەنىدۇق.


ھەزرىتى ئەيسا: - تاشنى ئېلىۋېتىڭلار! - دېدى. ئۆلگۈچىنىڭ ھەدىسى مارتا: - ئى رەببىم، ئالەمدىن ئۆتكىنىگە تۆت كۈن بولدى، ھازىر جەسىتى پۇراپ كەتكەندۇ، - دېدى.


كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلار مېنى. دېيىشەر پۈرۈشتۈرۈپ ئېغىزلىرىنى، چايقىشىپ باشلىرىنى:


مەسخىرىچىلەر مېنى قورشىۋالدى، ئۇلارنىڭ مېنى ئەخمەق قىلىشلىرىغا قاراپ تۇرۇشۇمدىن باشقا ئامالىم يوق.


مەن خۇدادىن ئۆتۈنۈپ ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ، دوستلىرىمنىڭ كۈلكىسىگە قالدىم. مەندەك ھەققانىي، دۇرۇس بىر ئادەم كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالدى.


ئۇلارغا: - چىقىپ كېتىڭلار، بۇ قىز ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ، - دېدى. بىراق، خالايىق ئۇنى مەسخىرە قىلدى.


ئۇ يەردىكىلەر قىزغا ھازا تۇتۇپ يىغا-زار قىلىشىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بولدى، يىغلىماڭلار! قىز ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ! - دېدى.


لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ: - بالام، ئورنۇڭدىن تۇر، - دەپ چاقىردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite