51 ھەزرىتى ئەيسا يائىرنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى.
تەخمىنەن سەككىز كۈندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇس، يۇھاننا ۋە ياقۇپنى ئېلىپ، دۇئا قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى.
ئۇ پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى بىرگە ئېلىپ ماڭدى. بۇ ۋاقىتتا، ئۇنى قايغۇ بېسىپ، كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولۇشقا باشلىدى. ئۇ:
ئۇ داۋراڭ سالمايدۇ، ياكى كوچىلاردا يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەپ يۈرمەيدۇ.
پېترۇس ھەممەيلەننى چىقىرىۋېتىپ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، جەسەتكە قاراپ: - تابىتا، ئورنۇڭدىن تۇر! - دېدى. تابىتا كۆزىنى ئېچىپ، پېترۇسنى كۆرۈپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇردى.
ئۇلار: سىمۇن (ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان) ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەندەر، ياقۇپ، يۇھاننا، فىلىپ، بارتولوماي،
ئۇ ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا يالغۇز كىرىپ، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى.
بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا يائىرغا: - قورقمىغىن! ماڭا ئىشەنگىن! ئۇ ساقىيىپ كېتىدۇ، - دېدى.
ئۇ يەردىكىلەر قىزغا ھازا تۇتۇپ يىغا-زار قىلىشىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بولدى، يىغلىماڭلار! قىز ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ! - دېدى.