Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:47 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

47 ھېلىقى ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ سېزىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، تىترىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئايىغىغا يىقىلدى ۋە كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېشىنى نېمىشقا تۇتقانلىقىنى ھەم شۇئان ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:47
18 Referans Kwoze  

ئۆزىدە نېمە ئەھۋالنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سەزگەن ئايالمۇ قورققىنىدىن تىترىگەن ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئايىغىغا يىقىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتتى.


شۇڭا، تىتۇس ھەممىڭلارنىڭ ئۇنىڭغا قانداق ئىتائەتمەن بولغانلىقىڭلارنى، ئۇنى شۇنچە چوڭ كۆرۈپ، ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالغانلىقىڭلارنى ئەسلىگىنىدە، ئۇنىڭ سىلەرگە بولغان مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشماقتا.


شۇنىڭ ئۈچۈن، زىلزىلىگە كەلتۈرۈلمەيدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولغىنىمىزدىن مىننەتدار بولۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھۆرمەت ۋە ئەيمىنىش بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلايلى.


سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئاجىزلىقىمدىن بۇ ۋەزىپىنى قانداق ئورۇنلارمەن دەپ قورقۇپ، ھەتتا تىترەپ كەتكەنىدىم.


پەرۋەردىگارغا ئەيمىنىپ ئىتائەت قىلىڭلار، شادلىنىڭلار ھەم خۇدادىن قورقۇڭلار.


گۇندىپاي چىراغ ئەكەلدۈرۈپ، پاۋلۇس بىلەن سىلاسنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، تىترىگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى.


سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. ئۇ بەيتلەھەمگە يېتىپ كەلگەندە، يۇرت ئاقساقاللىرى قورقۇنچ بىلەن ئۇنى قارشى ئېلىپ: _ تىنچلىق ئۈچۈن كەلدىلىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.


ئاڭلاپ بۇلارنى شۈركەندى تېنىم. شاۋقۇندىن ھەم تىترىدى لېۋىم. قورقۇنچتىن بوشاپ كەتتى پۇت-قوللىرىم، غال-غال تىترەپ، دەلدەڭشىپ تۇرالماي قالدىم. كۈتەرمەن شۇندىمۇ سەۋرچانلىق بىلەن، بىزگە ھۇجۇم قىلغۇچىلارغا بالايىئاپەت كېلىدىغان كۈننى.


بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قولۇم بىلەن ياسىدىم، شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇتتۇر. مەن مۇنداق ئادەمدىن خۇرسەن بولىمەن: ئۇ يۈرىكىدىن توۋا قىلغان، كىچىك پېئىللىق بىلەن ياشىغان، سۆزلىرىمنى ھۆرمەتلەيدىغان ئادەمدۇر.


ئى رەببىم، ئارزۇلىرىم ئاياندۇر ساڭا، ئاھ ئۇرۇشۇم يوشۇرۇن ئەمەستۇر ساڭا.


شۇڭلاشقا، ئەزىز قېرىنداشلىرىم، مەن ئاراڭلاردىكى ۋاقتىمدا ھەمىشە سۆزۈمنى ئاڭلىغىنىڭلاردەك، سىلەردىن ئايرىلغان مۇشۇ ۋاقىتلاردىمۇ سۆزۈمنى تېخىمۇ ياخشى ئاڭلاڭلار. خۇدادىن قورقۇپ ۋە ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەپ، خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزغاندا ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتنى تۇرمۇشۇڭلارغا تەتبىقلاشقا تىرىشىڭلار.


ئاياللار بىر تەرەپتىن قورقسا، يەنە بىر تەرەپتىن زور خۇشاللىق ئىچىدە قەبرىدىن دەرھال ئايرىلىپ، يۈگۈرگەن پېتى ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا خەۋەر بېرىشكە كېتىشتى.


ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەر ئارىسىدىكى ئورنى ئەڭ يۇقىرىدۇر. ئۇلار ئېغىز ئاچسىلا، ئادەملەر قورققىنىدىن تىترەپ كېتىشىدۇ. لېكىن ئۇلار بائالغا چوقۇنۇپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنى ۋەيران قىلىشتى.


مەن ئىسرائىلىيەنى ياخشى بىلىمەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى مەندىن يوشۇرالمايدۇ. ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزلىرىنى بۇلغىدى.


ئەي خۇداغا ئىخلاسى بارلار، تىڭشاڭلار سۆزۈمنى، سۆزلەپ بېرەي خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى.


لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا: - ياق! بىرسى قەستەن پېشىمنى تۇتتى. چۈنكى، ۋۇجۇدۇمدىن كۈچ-قۇدرەتنىڭ چىقىپ كەتكىنىنى سەزدىم، - دېدى.


- قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! تىنچ-ئامان بول، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite