46 لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا: - ياق! بىرسى قەستەن پېشىمنى تۇتتى. چۈنكى، ۋۇجۇدۇمدىن كۈچ-قۇدرەتنىڭ چىقىپ كەتكىنىنى سەزدىم، - دېدى.
كۆپچىلىك قوللىرىنى ھەزرىتى ئەيساغا تەگكۈزۈۋېلىشقا تىرىشاتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۈچ-قۇدرەت چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتىۋاتاتتى.
بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىۋاتقاندا، ئۇنىڭ يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار جەلىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. رەببىمىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەزرىتى ئەيساغا يار بولغاچقا، كېسەللەرنى ساقايتىۋاتاتتى.
لېكىن، سىلەر بولساڭلار خۇدانىڭ تاللىغانلىرى، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ روھانىيلىرى، خۇداغا ئاتالغان خەلق، شۇنداقلا خۇداغا مەنسۇپ بولغانلارسىلەر. سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن ئۆزىنىڭ پارلاق يورۇقلۇقىغا چاقىرغان خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى تاللىدى.
ھېلىقى ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ سېزىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، تىترىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئايىغىغا يىقىلدى ۋە كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېشىنى نېمىشقا تۇتقانلىقىنى ھەم شۇئان ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.