Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:41 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

41 قارشى ئالغىلى چىققانلار ئىچىدە مەلۇم بىر ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان يائىرمۇ بار ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ، ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ يالۋۇردى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:41
15 Referans Kwoze  

ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇلى كرىسپۇس پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. يەنە نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەس كورىنتلىقلارمۇ پاۋلۇسنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىدى ۋە چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.


تەۋرات ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرى ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇلارنى چاقىرتىپ: - قېرىنداشلار، ئەگەر جامائەتنى رىغبەتلەندۈرىدىغان گەپ-سۆزۈڭلار بولسا، ئېيتىڭلار، - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتقانلىقىنى كۆرگەن ئىبادەتخانا مەسئۇلى غەزەپ بىلەن كۆپچىلىككە: - ئىش ۋاقتىمىز ئالتە كۈن. شىپالىق ئىزدىگۈچىلەر دەم ئېلىش كۈنىدىن باشقا شۇ ئالتە كۈن ئىچىدە كېلىشى كېرەك، - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيىدىن كەلگەن بىرى ئىبادەتخانا مەسئۇلى يائىرغا: - قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى ئاۋارە قىلمايلى، - دېدى.


يازمىنى ئالغاندا، تۆت تىرىك مەخلۇق ۋە يىگىرمە تۆت يېتەكچى ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ قولىدا چىلتار ۋە ئىسرىق بىلەن تولغان ئالتۇن تاۋاق بار ئىدى. بۇ ئىسرىق خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ دۇئالىرى ئىدى.


خالايىق يەھۇدىي ئىبادەتخانىسىنىڭ مەسئۇلى سوستېنىسنى تارتىپ چىقىپ، سوراقخانىنىڭ ئالدىدا قاتتىق ئۇردى. بىراق، ۋالىي غاللىيو بۇ ئىشقا قىلچە پىسەنت قىلمىدى.


جاففا شەھىرى لىددا شەھىرىگە يېقىن ئىدى. شۇڭا، جاففادىكى ئېتىقادچىلار پېترۇسنىڭ لىددادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىككى ئادەم ئەۋەتىپ: - چاپسان يېتىپ كېلىڭ! - دەپ تەكلىپ قىلدى.


ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ تەشەككۈر ئېيتتى. بۇ ئادەم يەھۇدىيلار يامان كۆرىدىغان سامارىيىلىكلەردىن ئىدى.


بۇ ئىشنى كۆرگەن سىمۇن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ: - ئى رەببىم، مەندىن يىراقلىشىڭ، گۇناھكارمەن! - دېدى.


- ئى رەببىم، - دېدى مارتا ھەزرىتى ئەيساغا، - بۇ يەردە بولغان بولسىڭىز، ئىنىم ئۆلمەس ئىدى.


چۈنكى، ئۇنىڭ ئون ئىككى ياشلىق يالغۇز قىزى ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇراتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەرگە بارغىنىدا، كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئولىشىۋالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite