Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:40 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

40 ھەزرىتى ئەيسا كۆلنىڭ بۇ قېتىغا قايتىپ كەلگىنىدە، خالايىق ئۇنى قارشى ئېلىشتى. چۈنكى، ھەممەيلەن ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:40
12 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا كېمە بىلەن كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا قايتقىنىدا، نۇرغۇن خالايىق كۆل بويىدا يەنە ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى.


ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چۈشۈپ كۆلدىن ئۆتۈپ، ئۆزى تۇرغان شەھەر كەپەرناھۇمغا قايتىپ كەلدى.


چۈنكى، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇرۇس ۋە خۇداغا ئاتالغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ھىرود خان ئۇنىڭدىن قورقاتتى ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلاتتى. ھىرود يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالاتتى. بىراق، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يەنىلا قىزىقىپ ئاڭلايتتى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، دەرھال ئۆزلىرىنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتكەنىدىم. ئۆزلىرىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىرى تولىمۇ ئوبدان بولدى. ئەمدى بىز ھەممەيلەن خۇدا ئۆزلىرىگە دېگەن بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن خۇدانىڭ ئالدىدا تەييار تۇرۇپتىمىز.


يەھيا پەيغەمبەر نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغقا ئوخشايدۇ. سىلەر ئۇنىڭ يورۇقلۇقىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ بەھرىمەن بولۇشنى خالىدىڭلار.


لېكىن، قانداق قول سېلىشنى بىلمەيتتى. چۈنكى، پۈتۈن خەلق ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىمىنى ئاڭلاشقا شۇنچىلىك خۇشتار ئىدىكى، ئۇنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزىنى قالدۇرماي، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتتى.


زاكاي دەرھال چۈشۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولغان ھالدا ھەزرىتى ئەيسانى ئۆيىگە ئاپىرىپ مېھمان قىلدى.


بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا گىنەسار كۆلىنىڭ بويىدا تۇرغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئولاشتى.


قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «خوجايىنىم» دېگەن يەردە مەسىھ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولمامدۇ؟! ئۇ يەردىكى جامائەت ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزىنى زوق بىلەن ئاڭلايتتى.


نەقەدەر بەختلىكتۇر ئىشىك ئالدىمدىن كەتمەي ھەر كۈنى، بوسۇغامدا كۈتۈپ سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان كىشى!


- ئۆيۈڭگە قايتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ساڭا نەقەدەر چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى يەتكۈزگىن، - دېدى. ئۇ ئادەم قايتىپ بېرىپ، پۈتۈن شەھەرنى ئارىلاپ، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىگە قىلىپ بەرگەن چوڭ ئىشلارنى ھەممەيلەنگە يەتكۈزدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite