36 بۇ مۆجىزىنى كۆرگەنلەر ھېلىقى كىشىنىڭ ساقىيىش جەريانىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى.
ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى. ئۇ يەردىكى خالايىق ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارغا مۇپتىلا بولغان كېسەللەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە جىن چاپلاشقان، بەزىلىرىنىڭ تۇتقاقلىقى بار ۋە يەنە بەزىلىرى پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ساقايتتى.
شۇ يەردىكى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن كېتىشىنى تەلەپ قىلىشتى. چۈنكى، ئۇلار ئىنتايىن قورقۇشقانىدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چۈشۈپ، قايتىپ كەتمەكچى بولدى.