34 بۇ ھالنى كۆرگەن توڭگۇز باققۇچىلار ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ خەۋەرنى تارقاتتى.
توڭگۇز باققۇچىلار ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ خەۋەرنى تارقاتتى. خالايىقمۇ ئەھۋالنى كۆرگىلى چىقىشتى.
ئاياللار تېخى يولدا كېتىۋاتقاندا، قەبرە قوغدىغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى شەھەرگە كىرىپ، بولغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالىي روھانىيلارغا خەۋەر قىلدى.
توڭگۇز باققۇچىلار شەھەرگە قېچىپ كىرىپ، بۇ ئىشنىڭ باش-ئاخىرىنى ۋە جىن چاپلاشقان كىشىلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى خالايىققا تارقاتتى.
جىنلار ھېلىقى ئادەمنىڭ تېنىدىن چىقىپ، توڭگۇزلارغا چاپلىشىۋالدى. پۈتۈن توڭگۇز پادىسى پاتىپاراق بولۇپ، يۈگۈرگەن پېتى ياردىن چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى.
ئۇ يەردىكى كىشىلەر زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرگىلى بۇ يەرگە كېلىشتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تېنىدىن جىنلار چىقىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى.