Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

31 ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا ئۆزلىرىنى شەيتانغا تەييارلانغان تېگى يوق ھاڭلارغا سۈرگۈن قىلماسلىقنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:31
14 Referans Kwoze  

ئاندىن سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ غالچىلىرىغا ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس دوزاخ ئوتىغا كىرىڭلار!


دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلەر كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەر ئىككىلىسى تۇتۇلدى. ساختا پەيغەمبەر شۇ مۆجىزىلەر ئارقىلىق تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ھەمدە دىۋىنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى.


سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق. ئۇ كېيىن تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. يەر يۈزىدە ياشايدىغان، ئەمما دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ.


گۇۋاھلىق ۋەزىپىلىرى ئاياغلاشقاندا، تېگى يوق ھاڭدىن چىقىدىغان دىۋە ئۇلار بىلەن ئېلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى يېڭىپ ئۆلتۈرىدۇ.


ئۇلارنى باشقۇرىدىغان پادىشاھ تېگى يوق ھاڭنىڭ پەرىشتىسى ئىدى. بۇ پەرىشتىنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ئاۋاددون؛ گرېكچە ئىسمى ئاپولىيون، يەنى ھالاك قىلغۇچى ئىدى.


ئۇ ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈشى بىلەنلا ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ: - ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، ئىشىمغا ئارىلاشما! سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى قىينىما! - دەپ ۋارقىراپ كەتتى.


سەن ئۇنىڭ تېنىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزسەڭ، ئۇ سېنى ئالدىڭدىلا قارغايدۇ، _ دېدى.


مۇبادا سەن ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى ئۆز قولۇڭ بىلەن ئېلىپ كەتسەڭ، ئۇ سېنى ئالدىڭدىلا قارغايدۇ، _ دېدى.


شۇ ئەتراپتىكى تاغ باغرىدا بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىپ يۈرەتتى. جىنلار ھەزرىتى ئەيساغا يالۋۇرۇپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىپ كېتىشىگە ئىجازەت بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئىجازەت بەردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite