28 ئۇ ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈشى بىلەنلا ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ: - ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، ئىشىمغا ئارىلاشما! سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى قىينىما! - دەپ ۋارقىراپ كەتتى.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرگەن ھامان: - ئى خۇدانىڭ ئوغلى، ئىشىمىزغا ئارىلاشما! سەن ۋاقىت-سائىتى كەلمەستىنلا بىزنى قىينىغىلى كەلدىڭمۇ؟ - دەپ توۋلىدى.
خۇدا گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرنى ئاياپ قويمىدى. بەلكى، ئۇلارنى دوزاخقا تاشلاپ، ئۇلارنى سوراققا تارتقۇچە، قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەردە سولاپ قويدى.
ئۇلارنى ئازدۇرغان ئىبلىس بولسا دىۋە بىلەن ساختا پەيغەمبەر كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە گۈڭگۈرت كۆلىگە تاشلىنىپ، ئۇ يەردە كېچە-كۈندۈز مەڭگۈ ئازابلىنىدۇ.
لېكىن، گۇناھ سادىر قىلىۋېرىدىغان كىشى شەيتانغا مەنسۇپتۇر. چۈنكى، شەيتان ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشتىكى مەقسىتى شەيتاننىڭ قىلمىشلىرىنى يوقىتىشتۇر.
سەن خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەڭلا كۇپايە قىلامدۇ؟ خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ھەتتا جىنلارمۇ ئىشىنىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇ.
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر، زور قۇدرەتلىك قىلىچى بىلەن يۈگۈرۈك يۆگىمەچ يىلان لىۋياتاننى جازالايدۇ. ئۇ، قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقى لىۋياتاننى ئۆلتۈرىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا قىرغاققا چىقىشىغا، شەھەردىن كەلگەن جىن چاپلاشقان بىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. بۇ ئادەم ئۇزۇندىن بېرى كىيىم كىيمەي، ئۆيدە تۇرماي، گۆر قىلىنىدىغان ئۆڭكۈرلەردە ياشايتتى.
ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ھەزرىتى ئەيسا جىنغا ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىشنى بۇيرۇغانىدى. جىن بۇ ئادەمنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىلكىگە ئېلىۋالغانىدى. خەلق بۇ ئادەمنى كۆپ قېتىم زەنجىر-كىشەنلەر بىلەن باغلاپ، قاماپ قويغان بولسىمۇ، ئۇ ئۇلارنى ئۈزۈپ قېچىپ چىقىپ، جىن تەرىپىدىن چۆل-باياۋانلارغا ئېلىپ كېتىلەتتى.