Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 بۇلاردىن باشقا، يەنە جىن ۋە كېسەللىك ئازابلىرىدىن قۇتقۇزۇپ ساقايتىلغان بەزى ئاياللارمۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تېنىدىن يەتتە جىن ھەيدەپ چىقىرىلغان مەجدەللىك مەريەم،

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:2
11 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە تىرىلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال مەجدەللىك مەريەمگە كۆرۈندى. ئۇ بۇ ئايالنىڭ تېنىدىن يەتتە جىننى ھەيدىۋەتكەنىدى.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستىنىڭ يېنىدا ئانىسى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، كلوپانىڭ ئايالى مەريەم ۋە مەجدەللىك مەريەملەر تۇراتتى.


ئۇلار باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر نىيەتتە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن ئاياللار ۋە ئۇنىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى.


شۇڭا، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كەلگەن ئاياللار يۈسۈپ بىلەن بىللە بېرىپ، قەبرىنى ۋە جەسەتنىڭ قانداق قويۇلغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈردى.


ھەزرىتى ئەيسانى تونۇيدىغان كىشىلەر ۋ ە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئاياللار ۋەقەنىڭ جەريانىنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى.


نۇرغۇن كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەيساغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىپ ماڭغان ئاياللارمۇ بار ئىدى.


ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمدىن: - ئىسمىڭ نېمە؟ - دەپ سورىدى. - ئىسمىم «مىڭلىغان»، - دەپ جاۋاب بەردى بۇ ئادەمنى سۆزلىتىۋاتقان جىن. چۈنكى، بۇ ئادەمگە مىڭلىغان جىنلار چاپلىشىۋالغانىدى.


دەم ئېلىش كۈنى ئۆتكەندىن كېيىن، مەجدەللىك مەريەم، ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بېرىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىگە سۈرۈش ئۈچۈن خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالدى.


ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى. ئۇ يەردىكى خالايىق ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارغا مۇپتىلا بولغان كېسەللەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە جىن چاپلاشقان، بەزىلىرىنىڭ تۇتقاقلىقى بار ۋە يەنە بەزىلىرى پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ساقايتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite